تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئورمانچىلىق تەتقىقات ئورنى كېڭەيتىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئېزىز تۇرسۇن

   ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشتەك رەزىل جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئەسەبىي ئىدىيە تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزدى. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىلىرى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››تىنمۇ خەتەرلىك، تېخىمۇ قەبىھ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

   بۆلگۈنچىلىك قىلمىشى خەلق ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، مىللەتلەر ئارىسىدا جېدەل – ماجىرا پەيدا قىلىش، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىققا زىيان يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان جىنايى قىلمىش. بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ھايات – ماماتلىق، مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدىغان سىياسىي كۈرەش. بىز چوقۇم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز كېرەك.

   مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن. چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن – ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن. مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ھەرقانداق يول ۋە ۋاسىتە ئارقىلىق تارقىلىشىنى، ھەر خىل شاۋقۇن – سۈرەن، غەيرىي ئاۋازنى قەتئىي توسىمەن. پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1 – سېپىدە تۇرۇپ، پوزىتسىيەمنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، خەۋپ – خەتەردىن قورقماي، دادىل كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، نەمۇنىلىك ھەرىكىتىم ئارقىلىق كەڭ ئاممىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىمەن ۋە ئۇلارنى يېتەكلەيمەن.

   خەۋپ ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالىمەن. كۈلپەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن. بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق ئىدىيەسىنى قەتئىي يېڭىپ، ئۈنۈملۈك، كارغا كېلىدىغان ئەمەلىي چارىلەرنى قوللىنىپ، مەسىلىنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىمەن. پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ئالاقىسى جەريانىدا پارتىيەنىڭ ساداسىنى ياخشى يەتكۈزىمەن، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە نىشان – ۋەزىپىلىرىمىزنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش، يېتەكلەش خىزمىتىدە ياخشى ئىشلەش، ئىنچىكە ئىشلەش، چوڭقۇر ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىققا بولغان ئورتاق تونۇشىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىغاندىلا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت ئېنىق تونۇپ يېتىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىنى قەتئىي تارمار قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئىناق گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى