تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى قەتئىي يوقىتىش كېرەك

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم  ئالاقە تور ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ئابدۇكېرىم ئابدۇساتتار

   مېنىڭ ئۆيۈم ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسىدا. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ‹‹بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ›› دەپ نام ئالغان جياڭسۇ ئۆلكىلىك جياڭپۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇدۇم، ئالىي مەكتەپنى شىمالىي جۇڭگو سۇچىلىق – سۇ ئېلېكتىر داشۆسىدە ئوقۇپ پۈتكۈزدۈم.

   ‹‹ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى››دىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ بۇ ياخشى سىياسىتى كىشىلىك ھاياتىمغا زور ياردەم بەردى. ئىنىم، سىڭلىم ئۈچىمىزنىڭ باشلانغۇچتىن تاكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇشى ئىزچىل ئەلا بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، بىز ئوقۇش مەسىلىسىدىن دائىم غەم قىلاتتۇق. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ھەقسىز ئوقۇشتەك ياخشى سىياسەت بىزنىڭ بىلىم ئېلىشقا بولغان ئىستىكىمىزنى قايتا ئۇرغۇتتى.

   2004– يىلى 9 – ئايدا، مەن ئەلا نەتىجە بىلەن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتۈپ، كىشىلىك ھاياتىمدىكى بىر ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردۇم. ‹‹ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى›› مېنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئەۋزەل مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىلەندۈرۈپلا قالماي، يەنە ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنىمۇ يەڭگىللەتتى، مەن قانداقمۇ پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرمەي تۇرالايمەن؟

   2012– يىلى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، تولۇپ تاشقان ئىرادە بىلەن يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› تارىخىي پاكىتلارنى بۇرمىلاپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، تۈرلۈك ھىيلە – نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىپ، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىتىمىزغا ۋە بەختىيار، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن، ئۆگەنگەن بىلىملىرىم ۋە يېڭى ئىدىيەم ئارقىلىق ئەتراپىمدىكى يۇرتداشلىرىمغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىشىغا، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بېرىمەن، يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق ئۇلارنى زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن.

   يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ چىن قەلبتىن يېزىلغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››ى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندىم ھەم مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. مەن ھالقىلىق پەيتتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىش، قەتئىي كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن، قەتئىي تۈردە سىياسىينى تەكىتلەپ، زەربىدارلاردىن، ئۈلگىلەردىن بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدايمەن.

   ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ، ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى تۇردى، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلماي، ئۇنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز، چوقۇم يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىشىمىز، يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشىمىز كېرەك!

   بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، ئەسەبىيلىككە تاقابىل تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى