بەزىدە ئالدىرىغاندا كىيىمنى تۆۋەندىكى بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە قۇرۇتسىڭىز بولىدۇ.
قولدا يۇيغان كىيىمنى تېز سۈرئەتتە قۇرۇتۇش ئۇسۇلى
قولدا يۇيغان كىيىمنى قانچە سىقىپ سۈيىنى چىقارسىڭىزمۇ، كىيىم يەنىلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇپ بولالمايدۇ. ئەگەر كىيىمنى تېز سۈرئەتتە قۇرۇتماقچى بولسىڭىز، كىيىم ئۈستىگە قەغەز قويۇپ، لۆڭگە بىلەن كىيىمنى ئوراپ، كۈچەپ سىقسىڭىز كىيىمدىكى ھۆللۈك پۈتۈنلەي يوقايدۇ.
كىرئالغۇدا يۇيغان كىيىمنى تېز سۈرئەتتە قۇرۇتۇش ئۇسۇلى
يۇقىرىقى ئۇسۇلنى كىرئالغۇدا كىيىم قۇرۇتقاندا قوللىنىشقا بولىدۇ. ئەگەر يۇيغان كىر كۆپ بولسا ھەمدە ھەممىنى كىرئالغۇدا سىلكىپ قۇرۇتۇش توغرا كەلسە، كىرئالغۇنىڭ ئىچىگە بىر ياكى ئىككى تال قۇرۇق لۆڭگە سېلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
تېز سۈرئەتتە چاچ قۇرۇتۇش ئۇسۇلى
چاچ قۇرۇتۇش تىلغا ئېلىنسا چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن چاچنى بىۋاسىتە قۇرۇتسىلا بولمىدىمۇ، دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر مۇشۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. ئەمەلىيەتتە لۆڭگە چاچ قۇرۇتۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك «قورال». ھۆل چاچنى لۆڭگە بىلەن ئوراپ، ئاندىن لۆڭگىنىڭ سىرتىدىن چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن چاچنى قۇرۇتقاندا چاچ ئەڭ تېز قۇرۇيدۇ ھەم چاچنى زەخمىلەندۈرمەيدۇ.