تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسى ئېچىلدى

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن) خەۋىرى. ئۈچ ئاي قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، سۇ ئۈستى باغچىسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تۈرى ئاساسەن تاماملاندى، ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قايتا ئېچىلدى.

  بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ، سۇ ئۈستى باغچىسى باغچا ئىچىدىكى ئاساسىي ئەسلىھەلەرنى، رايون مەنزىرىسى ھەمدە ئويۇن ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىپ ئۆزگەرتتى. باغچىدىكى ئويۇن ئەسلىھەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈردى ۋە ئاسرىدى.

  دېڭىز-ئوكيان بېلىق تۈرىنى ياخشى كۆرىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى سۇ ئۈستى باغچىسىدىكى ئۈرۈمچى دېڭىز-ئوكيان سارىيىغا بېرىپ تاماشا قىلسا بولىدۇ، دېڭىز-ئوكيان سارىيىدىكى دېڭىز-ئوكيان بېلىق تۈرى 200 دىن ئاشىدۇ، ئاساسلىقى ئامازون دەرياسى ۋادىسىدىكى ھەر خىل چوڭ بېلىقلار، يەنە تېيىز دېڭىز رايونىدىكى مارجان، مارجان بېلىقى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن سىرت، ھەر كۈنى ئۈچ مەيدان سۇ پەرىسى ئويۇنى، ئۈچ مەيدان دېڭىز شىرى، دېڭىز يىلپىزى ئويۇنى قويۇلىدۇ.

  سۇ ئۈستى باغچىسىدا ئاپتوموبىل توختىتىش مۇلازىمىتى تەمىنلەنمەيدۇ، ئۈچتاش ئەتراپىدا ئاپتوموبىل توختىتىشمۇ قولايسىز بولغانلىقتىن، شەھەر ئاھالىلىرى ئاممىۋى قاتناشقا ئولتۇرۇپ بارسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى