ئەر-ئايال ئىناقلىقى بىر خىل سەنئەت، دائىم كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا قىلغانلىقىغا كىرىشىۋېلىش، قائىدە سۆزلەپ توغرا-خاتانى تالىشىش ھەمىشە تۈگىمەس زىددىيەت ۋە تالاش-تارتىش پەيدا قىلىدۇ، كىشىنى ئازاپلايدۇ. شۇڭا ئەر-ئاياللار تۇرمۇشتا ئىناق ئۆتەي دېسە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
1. توي تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى، بارلىقى ئەمەس.
توي قىلىپ ئائىلە قۇرغان ئىككىيلەن ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلغان بولسا، جورىسىنى سەمىمىيلىك بىلەن سۆيۈشى كېرەك. سۆيمەيدىغان بولۇپ قالسا كەسكىنلىك بىلەن ئايرىلىپ كېتىشى لازىم. ئەمما مەيلى قانداقلا ۋاقىتتا بولمىسۇن، كىشى چوقۇم ئۆزىنى سۆيۈشى كېرەك.
2. ھەممىگە قابىل بولۇۋالماڭ.
ئەرلەرنىڭ قەلبىگە قەھرىمانلارچە روھىي-ھالەت ئورناپ كەتكەن بولىدۇ، ئۆزىدىن ئاجىزلارنى قوغداشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، ئۇنىڭغا تايىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئەرلەرنى خۇشال قىلىدۇ.
3. «ئاجرىشىمەن» دېگەن گەپنى ئاسانلىقچە ئېغىزدىن چىقارماڭ.
ئاجرىشىش پۇختا ئويلاشقاندىن كېيىن چىقىرىلىدىغان قارار، يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئېغىزدىن چىقىرىدىغان گەپ ئەمەس. دۇنيادىكى ئىشلار شۇنداق قىزىق. بەزى گەپلەرنى ئېيتقاندا پەخەس بولمىسا، قايتا-قايتا ئېيتىلىۋەرسە راستقا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا ئەر-ئاياللار گەپ-سۆزىگە دىققەت قىلىشى لازىم.
4. پات-پات جورىڭىزغا بولغان رازىمەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ.
ھەممە كىشى باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئىسپاتلاشقا ئىنتىلىدۇ. ناۋادا سىز پات-پات جورىڭىزغا بولغان رازىمەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويسىڭىز، ئىككىلىڭلارنىڭ كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. بەلكىم بەزى جەھەتلەردە ئۇ دېگەن يېرىڭىزدىن چىقالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما سىزنىڭ ئىلھام بېرىشىڭىز ۋە قوللىشىڭىز تۈرتكىسىدە ئۇنىڭ يوشۇرۇن كۈچى قوزغىلىشى، تۇرمۇشۇڭلار تېخىمۇ گۈزەللىككە تولۇشى مۇمكىن.
5. ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ ئورنىنى پات-پات يۆتكەپ تۇرۇڭ.
ھوجرىڭىزنىڭ پەردىسىنى ئالماشتۇرۇپ، چىرايلىق ئېچىلغان گۈللەرنى تىزىپ قويۇڭ. ئائىلە جابدۇقلىرىڭىزنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ، بۇ، ئەر-ئايال ئىككىڭلارغا يېڭىلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ، كەيپىياتىڭلارنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
6. ھە دېسىلا جورىڭىزدىن «مېنى سۆيەمسىز؟» دەپ سورىماڭ.
كۆپىنچە ئەرلەر بەك گەپدان بولمايدۇ، ھېسسىياتىنى سۆز بىلەن ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلەشنى ياقتۇرىدۇ. ئاغرىپ قالسىڭىز دورا ئەكىرىپ بەرسە، ھېرىپ كەتسىڭىز ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرسە...بۇلار ئۇنىڭ سىزنى سۆيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، ئۇنىڭدىن «مېنى سۆيەمسىز؟» دەپ سورىشىڭىزنىڭ يەنە ھاجىتى بارمۇ؟
7. ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇڭ.
كۈلكە ئىككىيلەننىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلمىگىنىڭىزگە قانچىلىك ۋاقىت بولغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ. ئىككىيلەن ئائىلە قۇرۇپ بەلگىلىك ۋاقىتتىن كېيىن، بىر-بىرىگە كۈلۈمسىرەش ئازىيىپ كېتىدۇ. ھازىردىن باشلاپ، قىزىقارلىق ئىشلاردا جورىڭىز بىلەن بىللە كۈلۈڭ، ئۇنىڭ كۈلكىسى بەك يېقىملىق، شۇنداقمۇ؟