تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

بالا ئېمىتىشنىڭ ئانىلارغا بولغان پايدىسى

    بوۋاقلار ئۈچۈن ھەرقانچە قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكمۇ ئانا سۈتىگە يەتمەيدۇ. چۈنكى ئانا سۈتى بوۋاقنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپلا قالماي يەنە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈش، داۋالاش، تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
    ئانا سۈتىدە 200 خىلدىن ئارتۇق تەركىب بارلىقى، بۇ تەركىبلەرنىڭ بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى، تەن ساپاسى قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكى تەتقىقاتلاردا مەلۇم بولغان.
    بوۋاقلار ۋە بالىلار سۈت پاراشوكىغا پەقەت ئون نەچچە خىللا تەركىب قوشۇلىدىغان بولۇپ، ئانا سۈتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھەر جەھەتتىن زور پەرقلىنىدۇ. ئىلگىرى بىز ئانا سۈتىنىڭ بوۋاقلارغا قانداق پايدىسى بارلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن، بۈگۈن بالا ئېمىتىشنىڭ ئانىغا قانداق پايدىسى بارلىقى توغرىسىدا توختىلىمىز.
    بالا ئېمىتسە قان شېكىرى تۆۋەنلەيدۇ
    بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە، ئانىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشكىمۇ پايدىلىق. بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن باققاندا بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ نورمىدىن ئېشىپ كېتىش خەۋپى %21 تۆۋەنلەيدۇ، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %18 تۆۋەنلەيدۇ. ئانا بالا ئېمىتسە، ئانىنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %23 تۆۋەنلەپ، روھى بېسىمى يەڭگىللەيدۇ.

    بالا ئېمىتسە  راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدۇ

    ئانا بالا ئېمىتسە ئانىنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %30 تىن ئارتۇق تۆۋەنلەيدۇ، ئانىنىڭ بالا ئېمىتكەن ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، بۇ خىل قوغداش ئۈنۈمى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.
    «ئامېرىكا كىلىنكىلىق ئوزۇقلۇق ئىلمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ئىستاتىستىكا نەتىجە ژۇرنىلىدا كۆرسىتىلىشىچە، بالىسىنى يەتتە ئايدىن ئاز ئېمىتكەن ئاياللارغا قارىغاندا، بالىسىنى ئاز دېگەندە 13 ئاي ئېمىتكەن ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %63 تۆۋەنلەيدىكەن.
    ئانا بالا ئېمىتسە ئورۇقلايدۇ
    بالا ئېمىتىش بەدەنكى ئارتۇقچە كالورىيەنى خورىتىپ، بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى تېزلىتىدۇ. ئانا بالا ئېمىتىش ئارقىلىق تامىقىنى ئازلاتماي تۇرۇپمۇ تەرتىپ بويىچە، قورساق، پاچاق، يانپاش ۋە يۈزىنى ئورۇقلىتالايدۇ.
    بالا ئېمىتىش ھەر كۈنى 500 كالورىيە ئىسسىقلىقنى خورىتىدۇ، بۇ تەخمىنەن ئىككى كىلومېترغا يۈرگۈرگەندە سەرپ بولىدىغان ئىسسىقلىققا باراۋەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى