بەزى كىشىلەر تۈڭلۈكى يوق ئاپتوموبىللارغا قارىغاندا تۈڭلۈكى بار ئاپتوموبىللارنى بەكرەك ياقتۇرىدۇ. ئېلېكتىرلىك ھەرىكەتلىنىدىغان ئاپتوموبىل ئەينىكى ھازىر نۇرغۇن ئاپتوموبىللارغا سەپلەنگەن بولغاچقا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر تۈڭلۈكى بار ئاپتوموبىل سېتىۋالىدىغان بولدى. ئەمما قىسمەن كىشىلەر بۇنداق ئاپتوموبىل سېتىۋالغان بىلەن ئۇنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلمەيدۇ. تۆۋەندە ئاپتوموبىل تۈڭلىكىنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى تونۇشتۇرىمىز.
تېز سۈرئەتتە يۈرگەندە تۈڭلۈكنى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق شاۋقۇننى تۆۋەنلىتىش
ئاپتوموبىل تېز سۈرئەتتە يۈرۈۋاتقاندا، يان دېرىزىنى ئاچقاندا، كۈچلۈك شامال شاۋقۇنى كىشىنى بىئارام قىلىدۇ، تۈڭلۈكنى ئېچىۋەتكەندە، بۇنداق كۈچلۈك شامال شاۋقۇنىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئاپتوموبىل ئىچىدىكى زىيانلىق گازنى سىرتىغا ھەيدەش
ئاپتوموبىل بىر كېچە يېپىق ھالەتتە تۇرغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىل ئىچىگە ھەر خىل زىيانلىق گازلار تولىدۇ. سەھەردە ئاپتوموبىلنىڭ تۈڭلۈكىنى ئېچىۋەتكەندە، زىيانلىق گازلارنى تېز سۈرئەتتە ئاپتوموبىل سىرتىغا چىقىرىۋەتلىكى بولىدۇ.
ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ھورنى يوقىتىش
ھۆل يېغىنلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدىغان پەسىللەردە، ئاپتوموبىل دېرىزىلىرى ھوردىشىۋالىدىغان ئەھۋالار كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاپتوموبىل تۈڭلىكىنى ئېچىۋەتكەندە، ھور تېزلا يوقايدۇ.
قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرگەندە كېرەكسىز گازلارنىڭ ئاپتوموبىلغا كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرگەندە، كېرەكسىز گازلار ئاپتوموبىل ئىچىگە تېخىمۇ كۆپ كىرىۋالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاپتوموبىل يان دېرىزىلىرىنى ئېتىپ تۈڭلۈكنى ئېچىۋەتكەندە، زىيانلىق گازلار سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ.
ھاۋا ئىسسىق ۋاقىتتا تۈڭلۈكنى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى تېز تۆۋەنلىتىش
يازدا ئاپتوموبىل ئاپتاپتا ئۇزۇن تۇرسا ئاپتوموبىل ئىچى ئىسسىپ كېتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاپتوموبىل تۈڭلۈكىنى ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىۋەتسە، ئىسسىقلىق تېز تارقىلىدۇ.
تۈڭلۈكى بار ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسى ئادەتتىكى ئاپتوموبىللارغا قارىغاندا قىممەترەك. ئاپتوموبىل تۈڭلۈكى ھەرگىزمۇ بىر زىننەتلا ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئىشلىتىش رولىمۇ بولىدۇ.