تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى دۇنيا سودىسىغا زور تۆھپە قوشتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 7-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى . جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېقىندا «جۇڭگو ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم بۇ مەسىلىگە قارىتا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، رۇسىيە ئىقتىسادىشۇناسى جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيانقى دۇنيا سودىسىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى.

   رۇسىيە ئالىي ئىقتىساد شۆيۈەنى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئالېكىس ماسلوف مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، دۇنيا سودا ئالاقىسى تېخىمۇ جانلىق بولدى، يەرشارى سودا سوممىسى تەدرىجىي ئاشتى، جۇڭگونىڭ يەرشارىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سوممىسىدا بىردەك ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. 

   ماسلوف يەنە مۇنداق قارىدى: جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى خەلقئارا بازاردا ياخشى رىقابەتنى كۈچەيتتى. جۇڭگونىڭ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى بىلەن باشقا پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بۇ چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن بىللە ياخشى رىقابەتنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. 

   ماسلوف جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى ئۈستىدە توختىلىپ : بۇ توغرا تاللاش بولدى، دېدى. مەسىلەن: جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە بازىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە، جۇڭگو تېخىمۇ مول ئېنېرگىيەگە ئېرىشتى؛ جۇڭگونىڭ تىرانسپورت ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، نۇرغۇن چەت ئەل كارخانىلىرىنى جۇڭگونىڭ تىرانسپورت سىستېما قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ھەمدە مەنپەئەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

   رۇسىيە پەن-تېخنىكا شۆيۈەنى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ئاندىرو ئوستروۋېسكى : جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىكى ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئادا قىلدى، دېدى. جۇڭگونىڭ تاشقى سودا سوممىسى 2001-يىلىدىن بۇيان زور دەرىجىدە ئېشىپ، دۇنيا سودىسى شۇ سەۋەبتىن تېخىمۇ روناق تاپتى. جۇڭگو ئىزچىل كۆپ تەرەپلىك سودا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى جۇڭگو بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى كۆپ بولمىغان دۆلەتلەرنى جەلپ قىلدى.

   ئوستروۋېسكى مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى ھەمدە باشقا دۆلەتلەر يولغا قويغان ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ھەمكارلىقىنى قانداق كېڭەيتىش ئۈستىدە ئويلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئالتۇن كېسەك دۆلەت مېخانىزم رامكىسى ئىچىدە سودىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈردى.

   رۇسىيە خەلق ئىگىلىكى ۋە دۆلەت مەمۇرىي شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى سېرگى خېستانوف : جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلدى، دېدى. دۇنيا سودا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى يەرشارى سودا تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى