تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

مايدانغا ئائىت بىلىملەر

   نۇرغۇن كىشىلەر ئىشلىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن چوڭ قۇتىدىكى ماينى مايدانغا قۇيۇۋېلىپ ئىشلىتىدۇ. ئەمما مايداننى مۇۋاپىق ئىشلەتمىگەندە، ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرمىغاندا كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

   ئەگەر يېڭى سېتىۋالغان ماينى ماي قالدۇقى بار مايدانغا قۇيۇپ ئىشلەتكەندە، بۇلغانغان ماينى داۋاملىق ئىشلەتكەن بولىمىز.

   چۈنكى ئۇزۇن مەزگىل تازىلىمىغان مايداندا ماي ئاسان ئوكسىدلىنىدۇ. بۇنداق ماينى قىزدۇرغاندا ئىس كۆپ چىقىپ، ئۆپكىنى بىئارام قىلىدۇ. مۇھىمى تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان ماددىلار پەيدا بولىدۇ.

   مايدان ئىشلەتكەندە تۆۋەندە ئالتە نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك:

   ئەينەك مايدان ئىشلىتىش

   ماينىڭ ئوكسىدلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سۈپەتلىك، ئەينەك، فارفۇر ماتېرىيالدىن ياسالغان مايداننى ئىشلىتىش كېرەك. كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يېشىل، قوڭۇر رەڭلىك مايدان ئىشلىتىش كېرەك.

   سۇلياۋ مايداندىكى ماي پىلاستىكلاشتۇرغۇچنىڭ ئىچىگە ئېرىپ كىرىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ تېمپېراتۇرا يۇقىرى مۇھىتتا، پىلاستىكلاشتۇرغۇچنىڭ سۇزۇلما خاراكتېرلىك زەھەرلىك خۇسۇسىيىتى پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، مېتالدىن ياسالغان مايدان ئىشلەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى مېتالدىكى ئىئون ماينىڭ ئوكسىدلىنىپ بۇزۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ.

    مايداننى ئوچاقتىن يىراق ئورۇنغا قويۇش

   ماي سۇ، ھاۋا، ۋە كۈن نۇرى بىلەن ئۇچراشسا ئاسانلا ئوكسىدلىنىدۇ. ئادەتتە، تېمېپراتۇرا قانچە يۇقىرى، قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى قانچە ئۇزۇن بولسا ماينىڭ ئوكسىدلىنىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئادەتتە تېمپېراتۇرا ھەر 10 گرادۇس ئۆرلىسە، ماينىڭ بۇزۇلۇش سۈرئىتى بىر ھەسسە تېزلىشىدۇ.

   بۇنىڭدىن سىرت، ئوچاقنىڭ سۈپىتى ۋە ماتېرىيالى، يەنە تاماق ئېتىش سەۋەبلىك مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن.

   شۇڭا مايداننى ۋە ماي تۇڭىنى ئوچاقتىن يىراق ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

    مايداننى ئايدا بىر قېتىم يۇيۇپ تازىلاش

   ئادەتتە مايداننى ئايدا بىر قېتىم يۇيۇپ تازىلاش، ھەر قېتىم مايدانغا ماي قۇيغاندا، ماينى بەك كۆپ قۇيۇۋەتمەسلىكى كېرەك. ماينى بىر ھەپتىدە ئىشلىتىپ بولغۇدەك نورمىدا ساقلىسا ئەڭ مۇۋاپىق.

   گۈرۈچ سۈيى، ئاق ئاچچىقسۇ، تۇخۇم شاكىلى بىلەن مايداننى تازىلاش

   ئالدى بىلەن گۈرۈچ سۈيىنى مايدانغا قۇيۇپ، مايداننىڭ ئاغزىنى ئېتىپ كۈچەپ چۇلغۇتىمىز. بۇنداق قىلغاندا مايداندىكى داغلار يۇمشايدۇ.

   ئارقىدىن گۈرۈچ سۈيىنى تۆكۈۋەتكەندىن كېيىن، مايدانغا تۇخۇم شاكىلى بىلەن ئاق ئاچچىقسۇنى قاچىلاپ كۈچەپ ئارىلاشتۇرىمىز. بۇ ئىككى باسقۇچنى ئىككى قېتىم ئىشلىگەندە مايداندىكى داغلار تولۇق يۇمشاپ چىقىپ كېتىدۇ.

   بۇنىڭدىن سىرت، ئىچىملىك سودا (小苏打) بىلەنمۇ مايداندىكى دارغلارنى چىقارغىلى بولىدۇ.

    مايدان تولۇق قۇرىغاندىن كېيىن ماي قۇيۇش

   ماي ئاسان ئوكسىدلىنىدىغان بولغاچقا، مايداننى پاكىز يۇيۇپ تولۇق قۇرۇتقاندىن كېيىن ماي قۇيۇش ھەمدە مايداننىڭ ئاغزىنى ھىم ئېتىش كېرەك.

   ئۇزۇن ساقلايدىغان مايغا بىر تال ۋىتامىن E قوشۇش كېرەك

   ئۇزۇن ساقلايدىغان چوڭ تۇڭلۇق ماينىڭ ئىچىگە بىر تال ۋىتامىن E كومۇلىچى قوشۇۋەتكەندە، بىر تەرەپتىن ماينىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاشىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن تويۇنمىغان ماي ۋە ۋىتامىننىڭ ئوكسىدلىنىشى تۆۋەنلەپ، ئالدېگىد (醛)، كېتون (酮) قاتارلىق ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ماددىلارنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، مايغا قوشۇلغان ۋىتامىن E نىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، ماينىڭ ئوكسىدلىنىش تۇراقلىق كۆرسەتكۈچىمۇ شۇنچە ئېشىپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى