تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

تېرىنى ئاقارتىپ داغ يوقاتماقچى بولسىڭىز بۇ پەللىلەرنى ئۇۋۇلاپ بېرىڭ

   ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تېرە بارغانسېرى خۇنۈكلىشىدۇ ھەمدە داغ چۈشىدۇ.

   ئادەتتە بەزى پەللىلەرنى ئۇۋۇلاپ بەرسە تېرىنى ئاقارتىشقا، داغ يوقىتىشقا پايدىلىق. بۇ پەللىلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا سەنيىنجياۋ  پەللىسى (三阴交)،( پاقالچاقنىڭ يان ئىچى، ئوشۇقتىن 10 سانتىمېتىر يۇقىرى، پاقالچاق سۆڭىكىنىڭ يان ئىچىگە جايلاشقان)، يىنلىڭچۇەن پەللىسى (阴陵泉 ) (پاقالچاقنىڭ يان ئىچى، تىزنىڭ ئاستىدىكى پاقالچاق سۆڭىكىنىڭ يان ئىچىدىكى ئويمان ئورۇن)، دىجى پەللىسى (地机穴)، (يىنلىڭچۇەن پەللىسىدىن 10 سانتىمېتىر تۆۋەن ئورۇنغا جايلاشقان).

سۈرەتتە: سەنيىنجياۋ  پەللىسى

    يۈزىگە داغ-سەپكۈن چۈشكەنلەر داغ چۈشكەن ئورۇننى ئۇۋۇلاپ بېرىشى كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى قەيەردە كېسەللىك بولسا، شۇ يەرنى ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. شۇڭا داغ چۈشكەن قىسىمغا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ.  كۆپرەك ئۇۋۇلاش ئارقىلىق جىڭلولارنى راۋانلاشتۇرۇپ، يەلنى ھەيدەپ قاننى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق داغنى سۇسلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا يىڭنە ئارقىلىق داۋالاش بىرلەشتۈرۈلسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

سۈرەتتە: يىنلىڭچۈەن پەللىسى

    داغ چۈشۈشنىڭ سەۋەبى كۆپ. مەسلەن، كۈن نۇرىنىڭ بىۋاسىتە چۈشۈشى، كېسەللىك، دورا، پەرداز بۇيۇمى، كەيپىيات قاتارلىق ئامىللار. جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرىنىڭ قارىشىچە، كۆپىنچە ئەھۋالدا جىگەرنىڭ سەۋەبىدىن، ھەمدە كەيپىياتنىڭ ناچار بولغانلىقىدىن يۈزگە داغ چۈشىدىكەن، يۈزگە داغ چۈشكەن ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىدە يەنە ئاياللار كېسەللىكلىرى بولىدىكەن. مەسىلەن، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى، بالىياتقۇ ئۆسمىسى، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار.

سۈرەتتە: دىجى پەللىسى
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى