تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بۇغدايدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    خارۋارد داشۆسى چېن زىڭشى ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم بۇغداي قاتارلىق دانلىق زىرائەتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدىكەن.

    تەتقىقاتتا، مەزكۇر شۆيۈەننىڭ تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور سۈنچى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى ئېلان قىلىنىپ بولغان 12 تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات سانلىق مەلۇماتى ۋە ئامېرىكا مەملىكەتلىك ساغلاملىق ۋە ئوزۇقلۇق تەكشۈرۈشىگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارغا تەھلىل ئېلىپ بارغان، بۇ 1970-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تەتقىقاتقا قاتناشقان 780 مىڭ سىناققا قاتناشقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات ئىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇغدايدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى كۈنىگە 16 گىرام يەيدىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئومۇمىي ئۆلۈش نىسبىتى %7، يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %9، راك كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %5 تۆۋەن بولغان. ئەگەر بۇغدايدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى كۈنىگە 48 گىرام قوبۇل قىلغاندا ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئۆلۈم خەۋپىنى %20، يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى %25، راك كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى %14 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    سۇن دوكتور تەھلىل قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: دانلىق زىرائەتلەر تەركىبىدە سالامەتلىككە پايدىلىق كۆپ خىل بىيولوگىيەلىك ئاكتىپ ماددىلار بار . دانلىق زىرائەتلەر تەركىبىدىكى مول بولغان سېللۇلوزا قاندىكى خولېستېرىن ۋە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، تويۇش سېزىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سېمىزلىك ۋە سېمىزلىككە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى ئازايتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى