تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كاللەكبەسەينىڭ داۋالاش رولىنى بىلىۋېلىڭ

  

ماتېرىيال سۈرەت

    كاللەكبەسەينىڭ كاپۇستا ۋە كاللەك ئوتياش دېگەندەك ناملىرى بار، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، B تۈردىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىن u، ۋىتامىن K، ۋىتامىن C، يېمەكلىك تالاسى ۋە كالتسىي مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى ياخشى.

  كاللەكبەسەي قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. كاللەكبەسەي تەركىبىدىكى مول بولغان B تۈردىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىنC ۋە يېمەكلىك تالاسىنىڭ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، بەدەندىكى توكسىن ۋە تەرەتنى ھەيدەپ، قاندىكى خولېستېرىننىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار.

ماتېرىيال سۈرەت

  كاللەكبەسەي ماينى سېرىدۇ. كاللەكبەسەي تەركىبىدىكى تارترونىك كىسلاتا قەنت تۈرىدىكىلەرنىڭ مايغا ئايلىنىشىنى تىزگىنلەپ، ياغنىڭ بەدەندە يىغىلىپ قىلىشىنى ئازايتىدۇ، ئۇنىڭ تەبىئىي «ماي سىرىيدىغان كۆكتات» دېگەن چىرايلىق نامى بار.

  كاللەكبەسەي ئاشقازان كېسىلىنى يېنىكلىتىدۇ. كاللەكبەسەي تەركىبىدىكى ۋىتامىن u نىڭ ئاشقازان-ئۈچەي شىلىمشىق پەردىسىنى قوغداپ، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. بۇنىڭدىن سىرت، ۋىتامىن uنىڭ يەنە زەھەر قايتۇرۇش رولى بولۇپ، دائىم مېھماندارچىلىقتا ھاراق ئىچىش ياكى ھاراق چىشلىۋېلىشتىن بولىدىغان ئاشقازان كۆپۈش ئالامىتىنى ياخشىلايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  كاللەكبەسەي راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. كاللەكبەسەي تەركىبىدىكى مول بولغان مىكرو ئېلېمېنت مولىبدېننىڭ ئادەم بەدىنىدە پەيدا بولغان نىتروزامىن، گۈڭگۈرتلۈك تۇرۇپ، ئىزوتىئوسىئاناتنى ئازايتىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى چەكلەش رولى بار، بۇ ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىدە راك پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

  كاللەكبەسەيدىن يېمەكلىك تەييارلىغاندا سۇدا پىشۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى خوراپ كېتىدۇ، شۇڭا كاللەكبەسەينى مايدا قورۇغاندا سۇدا ئېرىشچان B تۈردىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىن K، ۋىتامىن C ۋە مىنېرال ماددىلارنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، ئەمما ۋىتامىن Cيۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولغاچقا، ماينىڭ تېمپېراتۇرسىنى بەك يۇقىرى قىلىۋېتىشكە، ئۇزۇن قورۇشقا بولمايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى