تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «مەدھىيە ناخشىمىزنى ئۇلۇغ پارتىيەگە بېغىشلايمىز» ناملىق ناخشا–مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

6-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تەييارلىغان ‹‹مەدھىيە ناخشىمىزنى ئۇلۇغ پارتىيەگە بېغىشلايمىز›› جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىقىنى تەبرىكلەش ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، 700 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىر، ئامما كېچىلىكنى كۆردى.
سۈرەتتە: ئارتىسلار ‹‹كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى›› دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا.            

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى خەۋەر قىلىدۇ: بايراقلار جەۋلان قىلىپ، ناخشا سادالىرى ياڭرىدى.  6-ئاينىڭ 30-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىقى داغدۇغىلىق خاتىرىلىنىۋاتقان پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹مەدھىيە ناخشىمىزنى ئۇلۇغ پارتىيەگە بېغىشلايمىز›› ناملىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىقىنى تەبرىكلەش ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى.

  ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكى مۇقەددىمە — ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، 1-قىسىم — پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، 2-قىسىم — پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، 3-قىسىم — پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، خاتىمە — بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىن ئىبارەت بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن. مۇزىكىلىق ناخشا كېچىلىكى ‹‹تاغ ناخشىسىنى پارتىيەگە بېغىشلايمەن›› ناملىق چوڭقۇر ھېسسىياتتا ئېيتىلغان لەرزان ناخشا بىلەن باشلاندى، ئارقىدىنلا ‹‹پارتىيە! سۆيۈملۈك ئانام››، ‹‹ۋەتىنىم››، ‹‹كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى››، ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايمىز››، ‹‹پارتىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز››، ‹‹خەلق قەلبىمدە››، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەنزىرە تىياتىرى ‹‹مېنىڭ سەھرا تۇرمۇشۇم››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى›› ناملىق لەپەر ھەم مۇزىكىلىق دېكلاماتسىيە قاتارلىق نادىر نومۇرلار بىر-بىرلەپ ئورۇنلىنىپ، نەق مەيداننىڭ كەيپىياتىنى قايتا-قايتا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

  ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ باش رېژىسسورى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېھراي ئىبراھىم مۇنداق دېدى: پۈتكۈل ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكى ‹‹مەدھىيە ناخشىسىنى ئۇلۇغ پارتىيەگە بېغىشلاش››نى باش تېما قىلىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى، قەھرىمانلارنى كۈيلەيدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقىلىق ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ تولۇپ تاشقان روھىي قىياپەت بىلەن مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  بىڭتۈەن ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ياش ناخشىچىسى لى شيا مۇنداق دېدى: ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ناخشام ئارقىلىق ۋەتىنىمىز، پارتىيەمىز، يۇرتىمىز، خەلقىمىزنى كۈيلىيەلىگەنلىكىمدىن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلىمەن، مەنمۇ پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىسى، بۇنىڭدىن كېيىن مەن خىزمەت ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتىنىمىز، پارتىيەمىز ۋە خەلقىمىزگە تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىمەن.
    تاماشىبىن لى پېيدۇڭ مۇنداق دېدى: كېچىلىك قالتىس بولدى، ھېسسىياتىمىز ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئاشۇ قايناق يىللارغا قايتقاندەك بولدۇم. بىز كوممۇنىستلار ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.

  700دىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىر، ئامما ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكىنى نەق مەيداندا كۆردى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى