تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

باشتىن–ئاخىر خەلق بىلەن ئوي–پىكىردە، ئىشلەشتە بىللە بولايلى

— جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

  ۋاقىت ئېتىقادنى چىڭىتتى، يىللار ئەسلىي مەقسەتكە شاھىت بولدى. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا: ‹‹ئۇلۇغ ئىشقا قۇدرەتلىك پارتىيە رەھبەرلىك قىلىشى شەرت. پارتىيەمىز ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئوبدان ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن ئوي-پىكىردە، ئىشلەشتە بىللە بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلسىلا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوتنى چوقۇم دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىتىپ، شانلىق قىرغاققا غەلىبىلىك باشلاپ بارالايدۇ!›› دەپ كۆرسەتتى. پارتىيەمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار باش شۇجىنىڭ ‹‹باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن ئوي-پىكىردە، ئىشلەشتە بىللە بولايلى›› دېگەن ئۇلۇغ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، يېڭى دەۋردە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ شان-شەرىپىنى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

  بۈگۈنكى جۇڭگو تارىختىكى يۇقىرى پەللىگە قاراپ يۈرۈش قىلماقتا. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان جۇشقۇن سىمفونىيەنى شەكىللەندۈردى. ‹‹قىزىل نەزەرىيەچى›› جېڭ دېرۇڭ ئۆمۈربويى ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرىنى قوغلاشتى؛ ئۆسۈملۈكشۇناس جۇڭ ياڭ دانىمۇدانە ئۇرۇقلار ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتقا بەخت ياراتتى؛ ‹‹دەۋرىمىزدىكى يۈ گۇڭ›› خۇاڭ دافا ‹‹ھاياتلىق ئۆستىڭى››نى ياساپ بولغاندىن كېيىن، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىش يولىغا باشلىدى؛ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى تۇ يۇۋيۇۋ 90 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا جۇڭيى دورىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدەندى... مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان كومپارتىيە ئەزالىرى قەتئىي بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە باشقىلاردىن ئۆتۈپ كېتىشكە تىرىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەڭگاھىدا ئۆتكەللەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاساسىي قاتلامنى تۈزەشنىڭ 1-سېپىدە قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ۋەتىنىمىز زېمىنىدا ئەمەلىي ئىشلەپ، سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى.
  باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن ئوي-پىكىردە، ئىشلەشتە بىللە بولايلى

  97 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، پارتىيەمىز خەلققە مەھكەم تايىنىپ، قاتمۇقات ئوڭۇشسىزلىقلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئارقىمۇئارقا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەچكە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ سەكرەشنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، يېڭى تارىخىي ئورۇن بىزگە يېڭى تارىخىي بۇرچنى يۈكلىدى. يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىمۇ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ، ۋەزىپە ئېغىر، خىرىس ھەممىلا جايدا مەۋجۇت. 89 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسى باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن ئوي-پىكىردە، ئىشلەشتە بىللە بولۇپ، ئۆزىنى بېغىشلاش ئېتىقادىنى، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، بۇرچنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، جاسارەتلىك-ياراملىق بولۇپ، يول ئاچقۇچى، ئەمەلىي ئىشلىگۈچى بولغاندىلا، تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋرگە خاس شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

  باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن ئوي-پىكىردە، ئىشلەشتە بىللە بولۇشتا، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ زور نەتىجە دەپ بىلىش كېرەك. دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئايلاندى، بۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىرىنىڭمۇ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىدىن، بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، پۇقرالارغا يەنە كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەكلىكىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ؛ بۇ، ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، يەنە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ ئىجتىمائىي ئادىللىق – ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. بالىلارنى يەسلىگە كىرىش، ئوقۇيدىغانلارنى ئوقۇش، ئىشلىگەنلەرنى ھەق ئېلىش، كېسەللەرنى داۋالىنىش، ياشانغانلارنى كۈتۈنۈش، ئۆيسىزلەرنى ئۆيى بولۇش، ئاجىزلارنى يار-يۆلەككە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ خەلققە بەرگەن ۋەدىسى. يېڭى دەۋردە قايتا ئاتلىنىشتا، بىز باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، خەلق بىلەن ھالاۋەتتىمۇ، جاپادىمۇ بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك، خەلقنى ئىززەت-ھۆرمەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن ئوي-پىكىردە، ئىشلەشتە بىللە بولۇشتا، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشتە، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئىسلاھات كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق جەھەتتە ماس كېڭەيدى، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋەزىپىسى ئېغىر؛ جۇڭگو دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتىدۇ، بۇ بىزدىن خەلقئارا ۋەزىيەتنى تېخىمۇ توغرا ئىگىلەپ، توغرا تارىخىي قاراش، ئومۇمىيەت قارىشى، رول قارىشى تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلىدۇ... تارىخ ئەزەلدىن كونا ئەنئەنىگە ئېسىلىۋالىدىغانلارغا، ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلىنىدىغانلارغا ئېتىبار بەرمەيدۇ، پۇرسەت دادىل يېڭىلىق يارىتىدىغانلارغا، مەڭگۈ ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلەنمەيدىغانلارغا مەنسۇپ. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىش، ئىنسانلار ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشتا، زور بىر تۈركۈم ‹‹پالۋان››لار، ‹‹زەربىدار››لارنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈپ بازىنى ئىگىلىشىگە توغرا كېلىدۇ. يېڭى دەۋردە قايتا ئاتلىنىشتا، بىز ‹‹تۆھپىدە مەن بولمىساممۇ بولىدۇ›› دەيدىغان روھىي قىياپەت ۋە ‹‹تۆھپە قوشۇشتا جەزمەن مەن بولۇشۇم كېرەك›› دەيدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەت بىلەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ، مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن ئوي-پىكىردە، ئىشلەشتە بىللە بولۇشتا، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇپ، تېخىمۇ قاتتىق ئىرادە بىلەن تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت. پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چوقۇم پارتىيە رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشى شەرت. قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتە، كومپارتىيە ئەزالىرى باشلامچى بولۇشى؛ ھالقىما تەرەققىياتتا، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالالىدۇقمۇ-يوق، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولالىدۇقمۇ-يوق، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلالىدۇقمۇ-يوق، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرالىدۇقمۇ-يوق، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلالىدۇقمۇ-يوق، ئىشنى ياخشى قىلالىدۇقمۇ-يوق، ئۈنۈم يارىتالىدۇقمۇ-يوق، خەلق بىزدىن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىزنى كۈتمەكتە، تارىخ بىزنىڭ نەتىجە يارىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلماقتا. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ھەم سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى، ھەم قابىلىيىتى كۈچلۈك بولۇشى، ئۆتكەللەردىن ئۆتىدىغان بېسىم تۇيغۇسى، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسى، ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ساقلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىي، ئىنچىكە ۋە ياخشى ئىشلەپ، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى جۇڭخۇا زېمىنىدىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  2019-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولىدۇ؛ 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدۇ؛ 2021-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولىدۇ؛ 2035-يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ 2050-يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىدۇ... بۇ مۇھىم ۋاقىت-پەيتلەر بىزنى ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشقا، مەڭگۈ كۈرەش قىلىشقا چاقىرماقتا. تۈمەن چاقىرىملىق سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى قەلبىمىزگە پۈكەيلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، غايە تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كۈرەش يەلكىنىنى لەپىلدىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتايلى.


(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى