تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئۈلگىلەرنىڭ نۇرى ئارقىلىق گۈللىنىش مۇساپىسىنى يورۇتايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

   بەزىلەر ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، تارىخنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسمىنىدىكى ئەڭ نۇرلۇق كوردىناتقا ئايلاندى. زامان، ماكاندىن ھالقىغان بىر خىل روھ بار، ئۇ باشتىن – ئاخىر ئېتىقاد قەسىرىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان نۇرلۇق چىراغ.

   پارتىيە قۇرۇلغىنىغا 97 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جېڭ دېرۇڭ قاتارلىق يەتتە يولداشقا ‹‹مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى›› دەپ نام بېرىش قارارىنى ئېلان قىلدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەرگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى. ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەپ، ئۇلارنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرغاندا، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن جەمئىيەتتە مۇقەررەر ھالدا ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ،  ئاۋانگارت بولۇشقا تىرىشىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ ئېنېرگىيە توپلىغىلى بولىدۇ.

   ئۈلگە  كۆرگىلى بولىدىغان پەلسەپەۋى قائىدە بولۇپ، ئۇ كوممۇنىستلارنىڭ روھىي خىسلىتىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ‹‹قىزىل نەزەرىيەچى›› جېڭ دېرۇڭ بارلىقىنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، ئۆمۈر بويى ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرىنى قوغلاشقان؛ كەلگۈسىنىڭ ‹‹ئۇرۇق››ىنى چاچقان جۇڭ ياڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن ۋەتەننىڭ ئۇرۇق پەن تەتقىقاتى ۋە شىزاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش سېپىدىكى ‹‹رازۋېدچىك›› لى چۈەنشىن نوچىلارغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇش روھىنى ھاياتى ئارقىلىق شەرھلىگەن؛ ‹‹پاناھلاندۇرۇش پونكىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باشلىقى›› شۈ شۈەي ھايات ۋاقتىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرگەن، ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ باشقىلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلغان؛ ‹‹دېھقان شۇجى›› جياڭ شىكۈن ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىتىش ئۈچۈن بارلىق يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، قىسقىغىنا ھاياتىدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن؛ ھەربىي سانائەتنىڭ باشلامچىسى جاڭ جىن جاسارەت بىلەن ئىسلاھات قىلىپ، چەكلىك كىشىلىك ھاياتىنى چەكسىز ئىشلارغا ئاتىغان؛ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاۋانگارتى جاڭ چاۋ ئۇلۇغ ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈككەن بولۇپ، ھايات – ماماتلىق پەيتتىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان. ئۇلارنىڭ سىيماسىدا ئېتىقادقا بولغان قەتئىيلىك، پارتىيەگە بولغان سادىقلىق، ۋەتەننى سۆيۈشتەك سەمىمىيلىك، خەلق ئۈچۈن ئىشلەشتەك ساداقەتمەنلىك، ئىش قىلىشتىكى كامىللىق، ئۆزىگە بولغان تەلەپچانلىق، ئاجايىپ كەڭ قورساقلىق مەركەزلىك گەۋدىلەنگەن، ئۇلار يېڭى دەۋر كوممۇنىستلىرىنىڭ غايە –  ئېتىقادىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىدىغان سىياسىي خىسلىتى ۋە ئاۋانگارتلىق ئوبرازىنى جانلىق نامايان قىلغان.

   ‹‹كۆككە باقسام قۇياش شۇنچە يېقىن، تاغ قاپتىلىدا ئۈزەر توپ – توپ ئاق بۇلۇت››. ئىنقىلاب دەۋرىدىكى ‹‹پولاتتەك جەڭچى››لەر، قۇرۇلۇش يىللىرىدىكى ‹‹ئىشچان ئەزىمەت››لەر، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مەزگىلىدىكى ‹‹باشلامچىلار››...پارتىيەمىز قۇرۇلغان 97 يىل مابەينىدە، دەل مۇشۇنداق سانسىزلىغان ئۈلگىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساداقىتى ۋە تۆھپىسىگە تايىنىپ، بىپايان جۇڭخۇا زېمىنىدا كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىدىغان ئالەمشۇمۇل تارىخىي مۇساپىنى ئېچىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى ياراتتى. ‹‹جاھان تەرتىپلىك بولسا، خەلق زىيان تارتمايدۇ؛ ئالەمدىكى چەكسىز ئۇلۇغ ئىشلار ئىزباسار ئاقىللارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا باغلىق››. ھازىر يېڭى دەۋرنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلدى، يېڭى مۇساپىنىڭ يولى باشلاندى. ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىش ئۈلگىلەرنىڭ كۈچىنى چاقىرماقتا. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. ئىلغار تىپلارنىڭ سىيماسىدىكى ئاشۇ خىل قۇربان بېرىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تومۇرىدا مەڭگۈ ئېقىپ، 89 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسىنى يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

   ‹‹تىپنىڭ ئۆزى بىر خىل سىياسىي كۈچ››. ئۈلگىلەردىن تىرىشىپ ئۆگەنگەنسېرى، ئورتاق قەلب ساداسى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ؛ ئۆزىنى ئۈلگىلەرگە سېلىشتۇرغانسېرى، ئىش قىلىش ئىستىلى شۇنچە دۇرۇس بولىدۇ. ئۈلگىلەردىن ئۆگىنىشتە، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنى ئىچىدىن تېشىغىچە، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە سېلىشتۇرۇپ، غايە – ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەم بولغان – بولمىغانلىقىنى، روھىي جەھەتتە ‹‹كالتسىي›› تولۇق ياكى كەملىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى؛ ئاممىنىڭ يېقىن سىردىشى، تەرەققىياتنىڭ باشلامچىسى بولغان – بولمىغانلىقىغا قاراپ بېقىشى؛ ئۆزىدىن كوممۇنىستلارنىڭ خىسلىتىنى قەتئىي ساقلىغان – ساقلىمىغانلىقى، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان – بېرەلمەيدىغانلىقىنى سوراپ بېقىشى كېرەك. ئۈلگىلەرنى تەتبىقلاشتا، ئىدىيە جەھەتتە ھەقىقىي ئويغىنىپ، ھەرىكەتتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناتوغرا كەيپىياتلارنى چەكلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق قىلىش، چىرىكلىشىشكە جەڭ ئېلان قىلىپ، باشقا كۈن چۈشكەندە ياردەم بېرىدىغان خەيرلىك ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا ھەقىقىي ئىز قالدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىش كېرەك.

   بۇرچ مەسئۇلىيەتنى چاقىرماقتا، ئۈلگىلەر دەۋرگە باشلامچىلىق قىلماقتا. بىز ئۈلگىلەرنى تۈرتكە قىلىپ، ئىرادىنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ توپلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، ئېتىقادنى مۇستەھكەملەيدىغان سىياسىي خىسلەتنى ئۇرغۇتايلى، ساداقەتمەنلىك بىلەن تۆھپە قوشىدىغان، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئالىيجاناب پەزىلەت يېتىلدۈرەيلى، دادىل نەتىجە يارىتىدىغان، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان كۈرەش روھىنى ئۇرغۇتايلى، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋرگە خاس شانلىق نەتىجە يارىتايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى