تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

تولا ئاغرىنىش سىزنى بەختسىز قىلىپ قويمىسۇن!

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەي ئايال، ئۆزىڭىزنى سۆيۈشنى ئۇنتۇماڭ، چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈڭ، ئۇ ھاياتىڭىزدىكى بىردىنبىر مۇھىم كىشى ئەمەس...كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر-بىرىڭلارنى سۆيمەيدىغان بولۇپ قالغاندا، ئاغرىنماستىن، كەڭ قورساقلىق بىلەن ئايرىلىپ كېتىڭ، بۇمۇ بىر چىرايلىق ئاخىرلىشىش بولۇپ قالىدۇ. ئادەملەر ۋە ئىشلار ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا ھەر ۋاقىت بەرداشلىق بېرىپ بولالمايدۇ. بۈگۈن ئالقىنىڭىزدا تۇرغان نەرسە ئەتە سىزگە تەئەللۇق بولماي قېلىشى ھېچ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ھەممە كىشى بىر ئۆمۈر بەختلىك ياشاشقا ئىنتىلىدۇ ئەلۋەتتە، ئەمما شۇنداق بىر كۈنلەردە تۇرمۇش سىزگە كۈتۈلمىگەن ئۈمىدسىزلىك ۋە ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ كەلگەندە، ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن تەگىشىپ يۈرمەڭ، چۈنكى ھايات چەكلىك، شۇڭا ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ، ئامال قىلىپ ئۆزىڭىزنى بەختكە ئېرىشتۈرۈڭكى، بەختنى ئۆزگىلەردىن تاما قىلماڭ.

  تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن بىر ئايالنىڭ تېلېفوندا :«مەن يەنە قانداق قىلىپ بەرسەم بولىدۇ، بالىنى دەپ ھەممىگە بەرداشلىق بەردىم، ئۇ يەنىلا شۇنداق رەھىمسىزلىك قىلدى، مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن؟» دەپ زارلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم.

  ئۇنىڭ چىرايى سارغايغان، چاچلىرىنى قالايمىقانلا بوغۇۋالغان، كەڭرى كۆڭلىكى بەدىنىنى تېخمۇ ئىسكەتسىز كۆرسىتىپ تۇراتتى. توغرا، ئۇ بەلكىم ۋاپادار ئايال، كۆيۈمچان ئانا بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ئۆزىنى سۆيمىگەن، ئۆزىگە ئېتىبارسىز قارىغان ئايال.

   ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزىڭىزنى سۆيۈشنى ئۇنتۇماڭ، چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈڭ، ئۇ ھاياتىڭىزدىكى بىردىنبىر كىشى ئەمەس، دېگۈم كەلدى...

   تۇيۇقسىز تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم يادىمغا كەلدى.

   بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇرۇشۇپ قالدى، دادىسى ئىشىكنى قاتتىق ياپقىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئۇچىسىغا ئۆڭۈپ كەتكەن ئۇخلاش كىيىمى كىيگەن، چېچى «توخۇ كاتىكى» دەك قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ئاپىسى كارىۋاتتا يىغلىغىنىچە، ئەرنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلىقى، مائاشىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئۆزىنىڭ قانچىلىك جاپاكەشلىكى ئۈستىدىن زارلىنىۋاتاتتى.

   مەن ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ياش ۋاقتىدىكى سۈرىتىنى كۆرگەنىدىم، سۈرەتتىكى زىلۋا، چىرايلىق قىزچاق بىلەن ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى پەقەت بىر يەرگە ئەكىلەلمىگەنىدىم.

   كېيىن ھەممىمىز تۇرمۇش قۇردۇق، ئۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالغاندا، ئۇ : ناۋادا مېنىڭ بېشىمغا شۇنداق كۈنلەر كېلىپ قالسا، مەن قېيدىماستىن، ئاغرىنماستىن چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىشنى تاللايمەن، دېدى.

   ئۇنىڭ سالماقلىق بىلەن قىلغان سۆزلىرىدىن سۆيۈندۈم، ئۇ ئاپىسىغا ئوخشاش يولدا مېڭىشنى يەنى توختىماي ئاغرىنىشنى، ئۆزىنى بەختسىز قىلىشنى تاللىمىغانىدى.

   ۋاقىت ئەڭ ياخشى دورا، بىر كۈنلەرگە بارغاندا تۇرمۇشىڭىزدىكى شۇ ئاغرىنىش، شۇ ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنىڭ ئاللىقاچان ۋاقىت ئۇچۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن چاڭ-توزانلار ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى