تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ۋاقتى ئۆتكەن پەرداز بۇيۇملىرى

    تۆۋەندە ھەر خىل ۋاقتى ئۆتكەن پەرداز بۇيۇملىرى توغرىسىدا توختىلىمىز.

     ئەڭلىك
    ئەڭلىكنىڭ ئادەتتە ئىككى، ئۈچ يىللىق ساقلاش مۇددىتى بولىدۇ. ئەمما ئەڭلىكنىڭ رەڭگى ئۆزگەرسە ياكى پارچە-پارچە بولىۋالسا، بۇ ئەڭلىكنىڭ نەملىشىپ قالغانلىقى ۋە سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

    ئاپتاپتىن ساقلاش مېيى
    بۇلتۇر ئىشلىتىپ بولالمىغان ئاپتاپتىن ساقلاش مېيىڭىزنى بۇ يىلمۇ داۋاملىق ئىشلىتىۋاتامسىز؟ ئاغزى ئېچىلىپ يىل ئاتلاپ كەتكەن ئاپتاپتىن ساقلاش مېيىنى ياخشىسى ئىشلەتمىگەن تۈزۈك. چۈنكى ئاغزى ئېچىلىپ يىل ئاتلاپ كەتكەن ئاپتاپتىن ساقلاش مېيىنىڭ ئاپتاپتىن ساقلاش ئۈنۈمى بولمايدۇ.

    كىرپىك لاكى
    كىرپىك لاكىنىڭ ساقلاش مۇددىتى ئادەتتە يېرىم يىل بولىدۇ، ساقلاش مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كەتسە ئاسانلا قېتىۋېلىپ، سۈرگەندىن كېيىنكى ئۈنۈمگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ھەر قېتىم ئىشلىتىپ بولۇپ ئاغزىنى ھىم ئېتىۋېتىش كېرەك. ئەگەر ساقلاش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، كۆز ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

    مەلھەمسىمان يۈز چاپلاق
    يۈز چاپلاقنىڭ ساقلاش مۇددىتى ئۇزۇن بولغاچقا، كۆپىنچە كىشىلەر ساقلاش مۇددىتىغا قاراپمۇ كەتمەيدۇ. ئەمما مەلھەمسىمان يۈز چاپلاق قاتتىقلىشىپ قالسا، بۇ يۈز چاپلاقنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق يۈز چاپلاقنى ئىشلەتكەندە ئاسانلا تېرە سەزگۈرلۈكنى پەيدا قىلىدۇ.

    لەۋ سىلىقلاش سۇرۇخى ۋە لەۋ سۇرۇخ
    لەۋ سىلىقلاش سۇرۇخى بىلەن لەۋ سۇرۇخ لەۋ بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان پەرداز بۇيۇمى بولغاچقا، ئادەم ئاسانلا يەپ سالىدۇ. شۇڭا لەۋ  سۇرۇخلارنى بەك ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتمەسلىك كېرەك. لەۋ سۇرۇخقا ئاسانلا مكروب يۇقۇپ قالىدىغان بولغاچقا، ھەر قېتىم ئىشلىتىپ بولۇپ پاكىز قەغەز بىلەن لەۋ سۇرۇخنىڭ ئۇچىنى سۈرتىۋېتىش كېرەك.

   ئۇپا سۈرگۈچ
   ئۇپا سۈرگۈچ كىرلار ئەڭ ئاسان يوشۇرۇنىۋالىدىغان پەرداز جابدۇقى، شۇڭا ئۇپا سۈرگۈچنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش كېرەك. ئۇپا سۈرگۈچ قاتتىقلىشىۋالسا، بۇ ئۇپا سۈرگۈچنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى يوقاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، بۇنداق ئۇپا سۈرگۈچنى يۇيغان تەقدىردىمۇ ئەسلى ھالىتىگە قايتمايدۇ، شۇڭا يېڭىنى سېتىۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى