تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كىيىملەرگە يۇقۇپ قالغان داغلارنى قانداق چىقىرىش كېرەك؟

    كىيىمدىكى داغلارنى قانداق چىقىرىش كېرەك؟

    ئاق ئاچچىقسۇ
    ئاق كوپتىنىڭ ياقىسى ئاسانلا سارغىيىپ قالىدۇ، كىر يۇيۇش پاراشوكى بىلەن ئۇۋۇلاپ يۇيسىمۇ پاكىز چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ. بەزىدە كىيىملەرنىڭ ئىشكابتا تۇرغان ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسىمۇ، كونىراپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ.

    سارغىيىپ قالغان كىيىمنى، كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن ئاق ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇلغان سۇغا 10 مىنۇت چىلاپ قويىمىز.

    ئارقىدىن يۇيۇۋەتسەك كىيىم ئەسلىدىكى ئاق ھالەتكە كېلىدۇ.

    لىمون
    بەزى جاھىل كىرلارنى كىر يۇيۇش پاراشوكى بىلەن ھەر قانچە يۇيسىمۇ پاكىز چىقارغىلى بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا لىموننىڭ كىر چىقىرىش رولىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

    لىموننى پارچىلاپ سۇ قويۇپ قاينىتىپ، ئاندىن بۇ سۇغا كىيىمنى سېلىپ 15 مىنۇت چىلاپ قويىمىز.

    بۇنداق قىلغاندا كىيىمدىكى داغلار پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.

    تۇز
    تۇزنىڭ كۈچلۈك تازىلاش رولىمۇ بار. بولۇپمۇ ماينى چىقىرىش رولى ئىنتايىن كۈچلۈك.

    تۇزنى ماي تېمىپ قالغان ئورۇنغا سۈرۈپ، تۇزنىڭ ماينى سۈمۈرۈۋېلىشىنى ساقلايمىز، ئارقىدىن چوتكىلاپ چىقىرىۋەتسەكلا كىيىمگە يۇقۇپ قالغان ماي پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.

    سۈت
    ئوقۇغۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەر دائىم قەلەمنىڭ رېڭىنى كىيىمىگە يۇقتۇرىۋالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا سۈتنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك.

    سۈتنى قاينىتىپ بولۇپ، پىلتىگۈچنى سۈتكە چىلاپ ئاندىن كىيمدىكى قەلەم ئىزىنى تازىلايمىز.

    قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ ماي دېغىنى ئېمولسىيىلەشتۈرۈش (乳化) رولى بار بولۇپ، ئۈنۈمى كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدىن خېلىلا يۇقىرى.

 

    قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى كىيىمدىكى سارغىيىپ قالغان ئورۇنغا سۈرۈپ، ئۇۋۇلاپ بەرسە سېرىق داغلار چىقىپ كېتىدۇ.

    تۇخۇم
    كىيىمگە سېغىز چاپلىشىپ قالسا، تۇخۇم ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ.

    تۇخۇم ئېقىنى سېغىز چاپلىشىپ قالغان ئورۇنغا سۈرىمىز.

    بۇنىڭدى سىرت، تۇخۇم شاكىلى چىلانغان ئىسسىق سۇغا سېغىز چاپلىشىپ قالغان كىيىمنى سېلىپ يۇيسا سېغىز قالدۇقلىرى پاكىز چىقىپ كېتىدۇ، كىيىممۇ ئاقىرىدۇ.

   چىش پاستىسى
   چىش پاستىسىنىڭ ماي ۋە داغلارنى چىقىرىش رولى بار.

    كىيىمدىكى ماي دېغى بار ئورۇنغا ئازراق چىش پاستىسىنى سۈركەپ ئۇۋۇلايمىز.

    كىيىملەردىكى چاي دېغى، قەھۋە دېغىنىمۇ بۇ ئۇسۇل بىلەن پاكىز چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى