تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئەقىل ۋە كۈچ ئالايلى

ـــ مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (3)

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز تاشقى ئالاقە خىزمىتىدە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، غايەت زور تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى، پايدىلىق تەجرىبە توپلىدى ۋە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.

   جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىشقا يېتەكلىدى. يېڭى دەۋر جۇڭگو دىپلوماتىيەسى يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى مەنزىل ئاچتى، نەتىجىلەر كىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، تەجرىبىلەر تولىمۇ قىممەتلىك.

   بىرىنچى، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇلدى. دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، ئۆزئارا ئالاقە كۈنسېرى قويۇقلاشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017 – يىللىق داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن دۇنيا ئارزۇسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بەردى.

   ئىككىنچى، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچتە ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇلدى. يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىدە تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭدا ئەڭ ئاساسلىقى، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇردۇق. بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، قالايمىقانچىلىق ئالدىدا قايمۇقۇپ قالماي، جاپا – مۇشەققەت، خېيىم – خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، تۈرلۈك مۇشەققەتلەردە تاۋلىنىپ، بوران – چاپقۇنلارغا قەتئىي باش ئەگمىدۇق.

   ئۈچىنچى، دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلدى. بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توغرا ھەققانىيەت ۋە مەنپەئەت قارىشى، ئاسىيا خەۋپسىزلىك قارىشى، يەرشارى ئىقتىسادىنى تۈزەش قارىشى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بۇ ئىدىيەلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى.

   تۆتىنچى، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلدى. بىز ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيەنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يەرشارىنى قاپلىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋەت تورى شەكىللەندۈرۈپ، تاشقى ئالاقە خىزمىتىدە مۇھىم رايون، مۇھىم دۆلەت، مۇھىم مېخانىزم، مۇھىم ساھەلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

   بەشىنچى، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە زور مەنپەئىتىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇلدى. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى توسۇپ، جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىخەتەرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدىدۇق.

   ئالتىنچى، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش ۋە ھەققانىيەت ۋە مەنپەئەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇلدى. بىز ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭىش – يېڭىلىش بىلەن ھېسابلاشمىدۇق، ئۆزىمىزنى قالتىس چاغلىمىدۇق. بىز ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش يېڭى ئەندىزىسىنى ئاچتۇق. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، ئىناۋەتكە، دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىشتەك ئوبرازىمىزنى تىكلىدۇق.

   يەتتىنچى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر – بىرىنىڭ مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇلدى. بىز ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، چوڭلار كىچىكلەرنى، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشقا قارشى تۇردۇق. ھەمكارلىقنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر – بىرىنىڭ مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئەھمىيەت بېرىش ئاساسىدا ئورنىتىشتا چىڭ تۇردۇق. جۇڭگو ئاۋارىچىلىك پەيدا قىلمايدۇ، ئاۋارىچىلىكتىنمۇ قورقمايدۇ. ھەرقانداق دۆلەت جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىگە خالىغانچە زىيان يەتكۈزۈش خام خىيالىدا بولماسلىقى كېرەك.

   سەككىزىنچى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە خەۋپ – خەتەر ئېڭىدا چىڭ تۇرۇلدى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇقىمسىز، ئېنىقسىز، پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىز تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر، خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز، ئىقتىدارىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلمايمىز، ئاغدۇرمىچىلىق خاراكتېرلىك خاتالىقلارنى ئۆتكۈزمەيمىز.

   ‹‹دۇنيانىڭ ئىشلىرى كۆپ ھەم مۇرەككەپ بولسىمۇ، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىمۇ كۆپ››. يېڭى تارىخىي پەللىدە، بىز شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، تارىخىي تەجرىبىلەردىن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يەنە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى