تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

80 ياشلاردىكى ئاچا-سىڭللارنىڭ 56 يىللىق قوشنىدارچىلىق مېھرى

81 ياشلىق ۋاڭ يۆيۆ (سولدا) 80 ياشلىق ئايشەم بىلەن پاراڭلاشماقتا.

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 56 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي تەييۈەن يولى شىنمېي ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق 81 ياشلىق ۋاڭ يۆيۆ بىلەن 80 ياشلىق ئايشەمنىڭ چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقىرىش بىلەن بىرگە، بىر-بىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ، بىر تۇغقان «ئاچا-سىڭىل» لاردەك بولۇپ كەتتى.

  1962-يىلى ۋاڭ يۆيۆ جياڭسۇدىن چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ سەرەڭگە زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىقىغا تەقسىم قىلىندى. ئەينى ۋاقىتتا ئايشەمنىڭ سەرەڭگە زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ۋاڭ يۆيۆمۇ ئايشەم ئىشلەۋاتقان ئىسمېنا-گۇرۇپپىغا بۆلۈندى. ئۇلارنىڭ بىرى مۇلايىم، نازاكەتلىك، يەنە بىرى ئوچۇق-يورۇق بولۇپ، ناھايىتى تېزلا ياخشى ئاچا-سىڭىللاردىن بولۇپ كەتتى.

  خىزمەت ئورنىدىن ئۆي تەقسىم قىلغاندا ۋاڭ يۆيۆ بىلەن ئايشەم ئىككى ئائىلىلىك قوشنا بولۇپ قالدى. ئۇلار تامدىن دىيامېتىرى يېرىم مېتىر كېلىدىغان مەخسۇس بىر تۆشۈك ئېچىپ، كىمنىڭ ئۆيىدە نېمە كەم بولسا، قارشى تەرەپكە ئېيتسىلا شۇ تۆشۈكتىن سۇنۇپ بەردى. ئىككىيلەن بىر قەۋەتلىك ئۆيدە ئۇدا 38 يىل قوشنا بولۇپ ئۆتتى، تامدىكى تۆشۈكمۇ 38 يىل شۇ پېتى ساقلاندى.

  18 يىل ئىلگىرى بىنا ئۆيگە كۆچكەندە ۋاڭ يۆيۆ 2-كورپۇس 5-قەۋەتكە، ئايشەم 3-كورپۇس 1-قەۋەتكە بۆلۈندى. ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار زاۋۇت رەھبەرلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئاخىرى يەنە قوشنا ئولتۇردى.

ۋاڭ يۆيۆ ئايشەم ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقنى سۈرتمەكتە.

  ئىككى ئائىلە كىشىلىرىمۇ بىر-بىرىنى ئەڭ يېقىن تۇغقىنى دەپ بىلدىغان بولۇپ، ئايشەمنىڭ ئۆيىدە گاز تۇڭى مەشغۇلاتىدا سەۋەنلىك كۆرۈلۈپ، خەتەر يۈز بەرگەندە ۋاڭ يۆيۆنىڭ يولدىشى ئۆز بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، ئايشەم ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى. ئىككى ئائىلىدىكى پەرزەنتلەرمۇ كىچىكىدىن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىللە چوڭ بولغان بولۇپ، ھەر قېتىم ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ كەلگەندە قوشنىسىنى يوقلاپ ئۆتۈشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە ئايشەمنىڭ پۇتى ئانچە ياخشى بولمىغانلىقتىن، سىرتقا چىققاندا ۋاڭ يۆيۆ ئۇنىڭ «ھاسا» سىغا ئايلاندى، ئايشەم ھەمراھ بولغاچقا ۋاڭ يۆيۆمۇ ئۆزىنى خاتىرجەم ھېس قىلدىغان بولدى.

    بۇ 56 يىلدا ئاچا-سىڭىللارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى