ھەيز مەزگىلىدە ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇلى
ئەگەر ھەيزدىن ئىلگىرى قورساقنىڭ ئاستى قىسمى كۆپسە، ھەيز كەلگەندىن كېيىنمۇ ئەھۋال ياخشىلانمىسا، ئۇنداقتا ھەيز مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشىلاش كېرەك. مەسىلەن، شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بەدەننى ئىسسىق تۇتۇش، سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى يېيىش، ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
كەيپىياتنى تەڭشەش ئۇسۇلى
ھەيز مەزگىلىدە قورساق كۆپۈش كەيپىيات بىلەن زور مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ھەيز مەزگىلىدە ئاچچىقلانسا ياكى روھى كەيپىياتى چۈشكۈن بولسا قورساق ئاسانلا كۆپىدۇ. شۇڭا ھەيز مەزگىلىدە ئامالبار كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.
ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى
ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى قورساق كۆپۈشنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ، بولۇپمۇ قورساقنىڭ ئاستى قىسمىغا ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە تېخىمۇ ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. لۆڭگىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ، سىقىۋەتكەندىن كېيىن قورساققا قويۇپ بەرسىمۇ ياكى گىرىلكىنى قورساققا قويۇپ بەرسىمۇ (لۆڭگە ياكى گىرىلكقا بەك قىزىق بولماسلىق، ئىسسىق ئۆتكۈزگەن ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولماسلىق) بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئىسسىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ بەرسىمۇ قورساق ئاغرىش پەسىيىدۇ.
دورا ئىچىش
ئەگەر قورساق كۆپۈشكە قوشۇلۇپ يەنە ھەيز ئاغرىتىپ كەلسە (ئەھۋال ئېغىر بولسا)، دورا ئارقىلىق ئاغرىقنى توختاتسا بولىدۇ. ئەمما دائىم دورىغا تايىنىۋالماسلىق، تەكرار كۆرۈلسە ھەمدە ئەھۋال ئېغىر بولسا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.