تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللاردىكى قورساق ئاغرىش ئاياللار كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن

    ھەيز قالايمىقانلىشىش

   ھەيز قالايمىقانلىشىش سەۋەبلىك قورساقنىڭ ئاستى قىسمى كۆپىدۇ. قىسمەن ئاياللاردا ھەيز مەزگىلىدە قورساق ئاستى قىسمى ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئەھۋالى ئېغىرلارنىڭ ھەتتا قورساق ئاستى قىسمى قاتتىق ئاغرىيدۇ. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان قىزلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بىرلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئۆزلىكىدىن ساقىيىدۇ. ئەمما، ھەيز مەزگىلىدىن كېيىن يەنە قورساق ئاستى قىسمى ئاغرىسا، مەلۇم كېسەللىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

   بۇنىڭدىن سىرت، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدىغان خانىم-قىزلار ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى كۆپ ئىستېمال قىلسا دورىغا تايىنىدىغان بولۇپ قېلىپ، بەدەننىڭ دورىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، دائىملىق ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش مەسىلىسى باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بالىياتقۇ كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار. دائىملىق ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش مەسىلىسى ئېغىر خانىم-قىزلار سالامەتلىكىنى تەپسىلىي تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىشى كېرەك.

    ئۆسمە پەيدا بولۇش

   ئۆسمە كەلتۈرۈپ چىقارغان قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، بەل ئاغرىش ئادەتتە داۋاملىق كۆرۈلىدۇ، تۇيۇقسىز يوقاپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئۆسمە تولغىشىپ قالسا، يېرىلسا يۇقىرىقى ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر قانىسا ئۇشتۇمتۇت خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش كېرەك.

   جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى

   جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىمۇ قورساق قاتتىق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئالدى بىلەن قورساقنىڭ ئۈستى قىسمى، ئارقىدىن قورساقنىڭ ئوڭ تۆۋەن قىسمى ئاغرىيدۇ، بۇنىغا قوشۇلۇپ يەنە كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنى ۋاقتىدا داۋالىتىش، ئارقىغا سوزىماسلىق كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا قورساقتىكى ياللۇغ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

    بويىدىن ئاجراش

   ھامىلىدار ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا تۇيۇقسىز قورساقنىڭ ئاستى ئاغرىش ياكى خۇن كېلىش كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بويىدىن ئاجراپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى. بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولسا قورساق تېخىمۇ ئاغرىيدۇ.

   تۇخۇم ھۈجەيرىسى يېرىلىش

   خانىم-قىزلاردا تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدىمۇ قورساقنىڭ ئاستى قىسمى كۆپۈپ ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. چۈنكى تۇخۇم چىقارغاندا، تۇخۇم ھۈجەيرىسى يېرىلغانلىقتىن ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە بۇنداق ئەھۋاللار نورمال ھېسابلىنىدۇ، ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەمما بەزى خانىم-قىزلارنىڭ تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ يېرىلىش تۆشۈكى چوڭ بولغاچقا، كىچىك تومۇرلارنى زەخمىلەندۈرۈپ، تۇخۇمدان يېرىلىش، قورساق بوشلۇقى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى