30 ياش ئاياللارغا نىسبەتەن بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئاياللار 30 ياشتىن ئاشقاندا تاشقى قىياپىتىنى ئاز-تولا ئۆرگەرتىشى كېرەك. تۆۋەندە 30 ياشتىن ئاشقان ئاياللارغا ماس كېلىدىغان كىيىنىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.
گارمون يوپكا ئاياللارنىڭ لاتاپىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ نازاكەتلىك كۆرسىتىدۇ. يەنە كېلىپ گارمون يوپكا 30 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ كىيىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.
ئاياللار قىزىل رەڭلىك گارمون يوپكىغا سېرىق رەڭلىك كوپتىنى ماسلاشتۇرغاندا ئادەمگە كىلاسسىك ھەم گۈزەل تۇيغۇ بېرىدۇ؛ كۆك رەڭلىك يوپكىغا ئاق رەڭلىك كوپتىنى ماسلاشتۇرۇپ كىيسە ئادەمگە راھەت، سالقىن تۇيغۇ بېرىدۇ.
30 ياشتىن ئاشقان ئاياللار نۇسخىسى ئاددىي، گۈلى چوڭ گۈللۈك كۆڭلەكلەرنى كىيىشى كېرەك. چۈنكى نۇسخىسى مۇرەككەپ، كىچىك گۈللۈك كۆينەك بۇ ياشتىكى ئاياللارنى ئاسانلا تومپاي ھەم پىشىپ يىتىلمىگەن كۆرسىتىپ قويىدۇ.
ئوچۇق سېرىق رەڭلىك قارا گۈللۈك كۆڭلەك ئاسانلا ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتسىمۇ، ئەمما چاكىنا كۆرسىتىپ قويمايدۇ، بۇ خىل كۆڭلەككە يەنە قارا رەڭلىك بەلباغ تاقىغاندا، ئاياللار گۈزەل ھەم سالماق كۆرىنىدۇ. گۈللۈك كۆڭلەكنىڭ رەڭگى ياخشىسى ئۈچ خىلدىن كۆپ بولماسلىقى كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا قاراشقا ئانچە راھەت تۇيغۇ بەرمەيدۇ.
ئاق رەڭلىك كوپتىسىمان كۆڭلەكنىڭ سەنئەت پۇرىقى كۈچلۈك بولغاچقا، ئادەتتە ئاددىي نۇسخىدىكىسىنى كېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئاق رەڭلىك كوپتىسىمان كۆڭلەككە قارا ياكى ئاق رەڭلىك ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ماسلاشتۇرغاندا، ئاياللارنىڭ لاتىپى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.
كەڭ ئاق رەڭلىك كوپتىسىمان كۆڭلەكنىڭ يان تەرىپىدە ئازراق چېكى بولسا، ئاياللارنى تېخىمۇ تەنناز كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە بىلى يىغىلغان كوپتىسىمان كۆڭلەكمۇ ئاياللارنى گۈزەل كۆرسىتىدۇ.
يازدا كۆك رەڭ بىلەن ئاق رەڭنى ماسلاشتۇرۇپ كىيگەندە، سالقىن ھەم بەدىئىي تۇيغۇ بېرىدۇ.
كۆك ئاق رەڭلىك كوپتىغا كىلاسسىك كاستۇمنىڭ شىمىنى ماسلاشتۇرۇپ كىيگەندە، قابىلىيەتلىك ھەم ئەركىن كۆرۈنىدۇ. ئەلۋەتتە، كۆك ئاق رەڭلىك كۆڭلەك كىيسىمۇ بولىدۇ.
خىزمەتچىلەر يۈرۈشلۈك كىيىم كىيسە كىيىم ماسلاشتۇرۇش ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلىنالايدۇ، يەنە كېلىپ يۈرۈشلۈك كىيىم ئاياللارنى تېخىمۇ كەسپىي كۆرسىتىدۇ.
ئەنگلىيە پۇرىقى گەۋدىلەنگەن يۈرۈشلۈك كىيىم ئاياللارنى قابىلىيەتلىك، كەسپكە پىشقان كۆرسىتىدۇ. يۈرۈشلۈك كىيىمگە گۈللۈك كوپتا ماسلاشتۇرغاندا سالماقلىققا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
مۈرىسى يانغا چۈشۈپ تۇرىدىغان، ياندا چېكى بار كىيىملەرنى بۇ يىلقى ئەڭ مودا نۇسخىلىق كىيىملەر دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى بۇ خىل نۇسخىدىكى كىيىملەر ئاياللارنى ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە، تەنناز، پاچىقى ئۇزۇن كۆرسىتىدۇ.
سېرىق رەڭلىك مۈرىسى يانغا چۈشۈپ تۇرىدىغان كىيىملەر ئاياللارنى جەزبىدار، نازاكەتلىك ھەم تەنناز كۆرسىتىدۇ. ياندا چېكى بار قارا رەڭلىك كۆڭلەكلەر ئاياللارنى پىشىپ يىتىلگەن ھەم تەننازلىقىنى يوقاتمىغان كۆرسىتىدۇ.