ماتېرىيال سۈرەت
بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ پايدىسى كۆپ، يېقىندا ئامېرىكا كايسېر داۋالاش گۇرۇھىنىڭ بىر تۈرلۈك 30 يىللىق ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۇغۇتتىن كېيىن بالىنى ئالتە ئايدىن كۆپ ئېمىتكەن ئانىلار بىلەن ئېمىتمىگەن ئانىلارنى سېلىشتۇرغاندا، ئېمىتكەن ئانىلارنىڭ تۇغۇت يېشى مەزگىلىدە دىيابېت بولۇش خەۋپى %48 تۆۋەن بولىدىكەن.
ماتېرىيال سۈرەت
تەتقىقات كوللېكتىپى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، 18 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ئوخشاش بولمىغان ئىرقتىكى ھەمدە بىر قېتىمدىن ئارتۇق ھامىلىدار بولۇش تارىخىغا ئىگە 1238 نەپەر ئامېرىكىلىق ئايال ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 30 يىل ئىچىدە سىناققا قاتناشقان جەمئىي 182 ئايال 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان. تەتقىقاتچىلار بەدەن ئېغىرلىقى، يېمەك- ئىچمەك سۈپىتى، ھەرىكەت ئادىتى قاتارلىق ئاياللاردا دىيابېت پەيدا بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارغا تەڭشەش ۋە تەھلىل ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بالىنى ئېمىتمەيدىغان ئاياللارنىڭ دىيابېت بولۇش خەۋپى دەرىجىسىنى 1 دەپ بېكىتكەن، بالىنى ئېمىتىشكە باشلىغاندىن كېيىن بۇ خەۋپنىڭ 0.75 دەرىجىگە چۈشكەنلىكىنى، ئېمىتىش ۋاقتى ئالتە ئايدىن ئاشقانلارنىڭ بۇ خەۋپىنىڭ 0.52 دەرىجىگە چۈشكەنلىكىنى بايقىغان.
ماتېرىيال سۈرەت
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر نەتىجە ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ھورموننىڭ قاندىكى ئىنسۇلىن ئاشقازان ئاستى بېزى ھۈجەيرىسىگە تەسىر قىلغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ بالىنى ئۇزۇن مەزگىل ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنە بىر قېتىم دەللىلەپ بەرگەن.
ماتېرىيال سۈرەت