تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋرگە مۇناسىپ ياشلىق باھارى سەھىپىسىنى پۈتەيلى

  ــــ جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 18–قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

  جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 18 – قۇرۇلتىيى 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئېچىلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، مىليونلىغان ئىتتىپاق ئەزاسى ياشلار ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ. مۇشۇ پەيتتە ئېچىلغان بۇ قېتىمقى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلتىيىنىڭ ئەھمىيىتى ئادەتتىن تاشقىرى. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنى ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى ياشلار تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشىگە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى ۋە مەركىزىي كومىتېت ئىتتىپاق مەكتىپىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسىنى بېكىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىيونېرلار ئەترىتى ئىسلاھاتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە بارلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەر خىزمەتچىلىرىنىڭ روھىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىيۋىلىك، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، سىياسىي مەسئۇلىيىتى، خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، دادىل ئىسلاھ قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى تۈپ نېگىزىدىن كۈچەيدى، سىياسىي يۈكسەكلىكى ھەقىقىي ئۆستى، سىياسىي فۇنكسىيەسى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، پارتىيەگە يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىش ھەرىكىتى تېخىمۇ ئاڭلىق بولدى. ئىدىيەۋى – سىياسىي ئاساسىي مېلودىيە تېخىمۇ ياڭراق بولدى، ئىتتىپاق قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنى قاتتىق باشقۇرۇشتا پۇختا ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ياشلارنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولى تېخىمۇ نامايان قىلىندى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ھەمراھ قوشۇنى كۈنسېرى زورايدى، ياشلار تەرەققىيات چوڭ ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھات يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

  ھازىرقى زامان ياشلىرى يېڭى دەۋر بىلەن ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان بىر ئەۋلاد كىشىلەردۇر. بىز دۇچ كەلگەن يېڭى دەۋر ھەم يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ياخشى دەۋر، ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق دەۋر. ياشلار ھەم كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە، ھەم ئۇلۇغ دەۋر بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان. بۇ شەرەپلىك بۇرچنى زىممىگە ئېلىشتا، ياشلار ئاڭلىق ھالدا شەخسنىڭ ئىستىقبالىنى دۆلەت، مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولۇپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، ئەمەلىي بىلىم ئىگىلەپ، ھەقىقىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇپ، پارتىيەگە يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىش ئەسلىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇشى كېرەك.

  يېڭى دەۋردە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتى تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، شۇنداقلا زور خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئىدىيە ئارقىلىق يېتەكلەش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى قانداق ئۆستۈرۈش، ياشلارنى تەشكىللەش، ياشلارغا تەشۋىق قىلىشتىكى يادرولۇق ئىقتىدارنى قانداق كۈچەيتىش، قاپلىنىشى ئۈنۈملۈك يېڭىچە تەشكىلىي سىستېمىنى قانداق بەرپا قىلىش، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش، تېخىمۇ كەڭ ساھەدە ياشلارنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنىڭ زور تېمىسى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى، بۇنى يېتەكچى قىلىپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنى سىياسىي جەھەتتىن، ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش، ئاساسنى پۇختىلاپ ئىتتىپاق تەشكىلاتىنى گۈللەندۈرۈش، ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق ئىتتىپاق تەشكىلاتىنى كۈچەيتىش، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنى قاتتىق باشقۇرۇشتا يەنىمۇ چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە سادىق، پارتىيەگە يېقىندىن ئەگىشىپ ماڭىدىغان كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا، ئىدىيەسى ئىلغار، غايىسى مۇستەھكەم كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا، ياشلار بىلەن قەلبداش، يىلتىزداش بولغان كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالالايدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا، جۇشقۇن، ئىنتىزامى چىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتى ياشلار خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ياشلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ياشلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ياشلارنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى ئىگىلەپ، ياشلارنىڭ كەيپىياتىنى يېتەكلىگەندىلا، باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا، ياشلارنىڭ ئالدىدا ماڭالايدۇ.

  ‹‹دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، مىللەتنىڭ تەقدىرى، خەلقنىڭ بەختى زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياشلىرى جەزمەن ھەم مۇقەررەر زىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئېغىر مەسئۇلىيەت››. قەلبىمىز نۇرغا چۆمۈلگەندىلا، جىسمىمىز كۈچكە تولىدۇ، غايىدە چىڭ تۇرۇپ بوشاشمىغاندىلا، بارلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىشلاردا نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ دەۋر ئاساسىي تېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، ياشلىق باھارىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن يول ياساپ، كۆۋرۈك سېلىپ، ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشساقلا، بىز چوقۇم يېڭى دەۋرگە مۇناسىپ ياشلىق باھارى سەھىپىسىنى پۈتەلەيمىز!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى