تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا تېرىلغۇ يەردىن ئىبارەت بۇ ‹‹بىر تاختا شاھمات›› ياخشى قوغدالدى

  يەر بايلىقىنى قەدىرلەپ، تېجەشلىك ۋە تۈجۈپىلىك ئىشلىتىش

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆربىلجىن ناھىيەسى يەر ئوبوروتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، قارا ئېمىل بازىرى كىچىك تۆبى كەنتىدىكى ئاھالىلەر ئىختىيار قىلىش پىرىنسىپى بويىچە يەرلىرىنى تېرىقچىلىق كەسپى ئائىلىلىرىگە ھۆددىگە بېرىپ، ھۆددىگەرلىك ھەققى ئالىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت ئاھالىلىرى ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئۈزلۈكسىز يېتەكلىنىپ، ئەمگەكچىلەر يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بېيىش يولى كېڭەيتىلدى. سۈرەتتە: كەنت ئاھالىسى كەنتتىكى ئاپتاپپەرەسلىكنى ئوتىماقتا. (6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا سۆسۈن رەڭلىك ئۈستىقۇددۇس، ياپيېشىل يايلاق، ئالتۇن رەڭلىك بۇغدايلىقتىن ھاسىل بولغان كۆرۈنۈش خۇددى بىر پارچە مەنزىرە رەسىمگە ئوخشايتتى، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان زور تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبا تورى خۇددى خەنزۇچىدىكى ‹‹丰›› خېتىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، بۇ مۇنبەت تۇپراقنى سۇغارماقتا ئىدى. توققۇز يىللىق تىرىشىشتىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ يەر ئېچىش – رەتلەش زور قۇرۇلۇشى تاماملاندى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يەر ئېچىش – رەتلەش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سۇغىرىش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى مول سۇ بايلىقى ۋە تېرىلغۇ يەر زاپاس بايلىقىدىن تولۇق پايدىلانغىلى ھەم تۈر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلىغىلى، يەنە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، تۈزەشتىن كېيىنكى يەرنىڭ كىچىك پارچىلىرى قوشۇلۇپ چوڭايتىلغان، يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن، بۇ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ماشىنىلاشقان تېرىقچىلىق ۋە ئېتىز – ئېرىقنى سۇغىرىشقا قولايلىق. كۆپ مىقداردىكى يەر ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىنىپ، دېھقانلارغا مۇقىم كۆزلىگەن پايدا ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مول ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بارلىققا كەلتۈردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون تېرىلغۇ يەرنى سان، سۈپەت، ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش››نى ۋە باشقۇرۇپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى. 2018 – يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئاساسىنى تىرىشىپ پۇختىلاپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى ئالاھىدە قوغداپ، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىش قۇرۇلۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شىنۋېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل، دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى ‹‹13 – بەش يىل››لىق تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش مەسئۇلىيەت نىشانىنى ئارىلىقتىكى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ ۋە ئۇنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆلكە ھالقىغان تېرىلغۇ يەرلەرنى تولۇقلاشنى ئاكتىپ ئىلتىماس قىلىپ ۋە ئۈستىگە ئېلىپ، جايلارنىڭ كۆپ خىل تۈر، يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ يەرلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى ئالاھىدە قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئىسخېما ئامبىرىغا كىرگۈزۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› كەنت دەرىجىلىك خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش يەر تۈزەش تۈرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  ليۇ شىنۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹13 – بەش يىل››لىق پىلاننىڭ ئالدىنقى ئىككى يىلىدا ئاپتونوم رايوننىڭ تېرىلغۇ يەر بايلىقى ئۈنۈملۈك قوغدالدى؛ رايونلار ماس تەرەققىي قىلغان، كەسىپلەر مۇۋاپىق مەركەزلەشكەن يەردىن پايدىلىنىش ئەندىزىسى تېز شەكىللەندى، يەرنى تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك ئىشلىتىش سەۋىيەسى ۋە بىرلىك كۆلەمدىكى يەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى؛ يەرلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، يەر بايلىقىنى باشقۇرۇشتىكى قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى