تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

گۈل سۈيى ئىشلەتكەندە نېمە ئۈچۈن ئوت بىلەن ئۇچرىشىشقا بولمايدۇ؟

گۈل سۈيى (花露水) نىڭ تەركىبىدە ئىسپىرت (ئالكوھول، يەنە ئېتىل ئالكوھول دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بار بولغاچقا، ئوچۇق يالقۇن (يالقۇنى بار ئوت) بىلەن ئۇچراشسا ئوت ئالىدۇ.

   شۇڭا بەدەنگە گۈل سۈيى سۈرگەندىن كېيىن، دەرھال تاماكا ۋە پاشا ئۆلتۈرۈش (蚊香) دورىسىغا ئوت ياقماسلىق، ئاشخانىغا كىرىپ گاز ئوچاقنى ئاچماسلىق كېرەك. بىخەتەرلىك ئۈچۈن، گۈل سۈيى سۈرۈپ بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ 20 سېكۇنتتىن كېيىن ئوچۇق يالقۇن بىلەن ئۇچرىشىش كېرەك. چۈنكى ئالكوھول (ئىسپىرت) تولۇق پارلىنىپ بولالمىغان شارائىتتا، ئوچۇق ئوت بىلەن ئۇچراشقاندا ئاسان ئوت ئېلىشى مۇمكىن.

   گۈل سۈيى سۈرگەندە ئوچۇق يالقۇن بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىشتىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك:

    گۈل سۈيى  ھاشاراتلار چېقىۋالغان ئورۇننى داۋالىيالمايدۇ

   بەزى كىشىلەر پاشا قاتارلىق ھاشاراتلار چېقىۋالغاندىن كېيىن قىچىشىشقا چىدىماي گۈل سۈيى سۈرۈۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، گۈل سۈيىنىڭ ھاشاراتلار چېقىۋالغان ئورۇننى داۋالاش ئۈنۈمى يوق.

   بەزى تېرىسى زىيادە سەزگۈر كىشىلەر ئۈچۈن، گۈل سۈيى تەركىبىدىكى يالپۇز، كامفورا قاتارلىق تەركىبلەرنىڭ ياللۇغنى ياندۇرۇش رولى يوق بولۇپلا قالماي بەلكى ئەكس تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، شۇڭا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى سەۋەبىدىن تېگىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

    بالىلارغا مەخسۇس بالىلار گۈل سۈيى ئىشلىتىش

   بالىلارغا ياخشىسى مەخسۇس بالىلار گۈل سۈيى ئىشلىتىش، ئىككى ئايلىقتىن چوڭ بوۋاقلارغا گۈل سۈيىنى سۇيۇلدۇرۇپ سۈرۈش كېرەك. گۈل سۈيى قويۇقلۇقىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىپ بوۋاقلارنىڭ تېرىسىنى  غىدىقلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ياخشىسى بەش ھەسسە سۇيۇلدۇرۇلغان گۈل سۈيىنى سۈرۈش كېرەك.

   يارا ئېغىزىغا گۈل سۈيىنى كۆپ سۈرمەسلىك

   بەزى پاشا ھەيدەش گۈل سۈيىنىڭ تەركىبىدە دېئېت (避蚊胺) ۋە دىمېتىل كاربات (驱蚊酯) قاتارلىق تەركىبلەر بار. دۆلەتنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن پاشا يوقاتقۇچى دورىلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۈنۈمى بار، ئەمما بەزىلىرىنىڭ تەركىبىدە دېھقانچىلىق دورىلىرىمۇ بار بولغاچقا، سېتىۋالغاندا دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن بەلگىسىنىڭ بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

   تېرىنىڭ يۇمران قىسمىغا گۈل سۈيى سۈرمەسلىك

   لەۋ، كۆز قاتارلىق نازۇك ئەزالارنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىلەر ئىنتايىن يۇمران بولغاچقا، غىدىقلاشقا ئۇچرىسا ئاسانلا تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بۇ ئورۇنلارغا ئەڭ ياخشىسى گۈل سۈيى سۈرمەسلىك كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى