تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن

چەرچەن ناھىيەسىدە زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلدى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتى، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار  بىرلىكتە 6-ئاينىڭ 24-كۈنى چەرچەن ناھىيەلىك قۇرۇم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن «باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى زەھەر چەكلەش خەلق كۈرىشىدە غەلىبە قىلايلى» تېمىسىدا تەشۋىقات  پائالىيىتى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا «زەھەر چەكلەش بىلىملىرى ۋە زەھەرنىڭ زىيىنى»، «زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زەھەرگە قارشى تۇرۇش»، «زەھەر چەكلەش قانۇن-نىزامى» توغرىسىدىكى تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىلىپ، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئاممىنى ھاياتىنى قەدىرلەپ، زەھەردىن يىراق تۇرۇش ۋە ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش چاقىرىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى