تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغاندا...

   يوگا ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئېلېمىزدە ئەۋج ئالغىلىمۇ ئۇزۇن يىللار بولدى. بۈگۈن بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىمىز.

   بىرىنچى، بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇشنى ھەتتا 60 ياشتىن باشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇ ھەرىكەت ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىشلىشىگە ماس كېلىدۇ.

   ئىككىنچى، بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغاندا مۇسكۇل-سۆڭەكلەرلا ھەرىكەتلىنىپ قالماستىن بەلكى يەنە جىڭلو (جۇڭگو تېبابىتىدە، ئادەم بەدىنىدىكى يەل ۋە قاننىڭ يۈرۈشۈش يولىدىكى غول ۋە تارماقنى كۆرسىتىدۇ) لار تولۇق ئېچىلىدۇ.

   ئۈچىنچى، ئەگەر ھەر كۈنى 20 مىنۇت بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ بەرسە، 70 ياشقا كىرگەندىمۇ تاغقا چىقىشتا قىينالمايدۇ، ئاسان كېسەلگە گىرىپتار بولمايدۇ.

   تۆتىنچى، بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇشنى مەشىق قىلغاندا، بەل ئاغرىمايدىغان بولىدۇ.

   بەشىنچى، ئۇدا بىر نەچچە كۈن مەشىق قىلغاندا، ئالدى بىلەن پۇت ئاغرىيدۇ، ئارقىدىن بەل ئاغرىيدۇ، ھەتتا مەشىق قىلمىسىمۇ ئاغرىيدۇ.

    ئالتىنچى، بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇش ۋاقتىنى كۈندىن كۈنگە ئۇزارتىش كېرەك.

   يەتتىنچى، بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغاندا ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى تېزلىشىدۇ. تاماقتىن كېيىن بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغاندا، 20 مىنۇتتىن كېيىن ئاشقازان قۇرۇقدىلىدۇ.

   سەككىزىنچى، بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇش پۇتتىكى قان تومۇرلارنى ئېچىپلا قالماي يەنە يانپاشتىكى بوغۇملارنىڭ ھەرىكەتلىنىشىگىمۇ پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى