تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىشىك-دېرىزە سىرتقى تام تېخنىكا كومىتېتى قۇرۇلدى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: قۇرۇلۇش ئىشىك-دېرىزىسىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىشىك-دېرىزە سىرتقى تام تېخنىكا كومىتېتى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلدى.

  چۈشەندۈرۈلىشىچە، نۆۋەتتە ئىشىك-دېرىزىلەرنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئىشىك دېرىزىلەرنىڭ ئۆينىڭ ئېنېرگىيە تېجىشىگە بولغان تەسىرى %75 ئەتراپىدا بولغان؛ يېڭى تىپتىكى ئىشىك-دېرىزىلەرنىڭ زامانغا لايىق يېڭىلىنىشى، قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى بارغانسېرى تېزلەشتۈرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى سۈپەت جەمئىيىتى قۇرۇلۇش ئىشىك-دېرىزە سىرتقى تام ئۆلچەملەشتۈرۈش تېخنىكا كومىتېتىنى مەخسۇس قۇرۇپ، قۇرۇلۇش ئىشىك-دېرىزىسىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بۇ كومىتېتقا ئەزا ئورۇنلاردىن 120 نەچچىسى بار بولۇپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇلۇش ئىشىك-دېرىزە ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن؛ شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىشىك-دېرىزە سىرتقى تام تېخنىكا كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى