تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى

جۇڭگو . باغراش كۆلى 10-نۆۋەتلىك بېلىق تۇتۇش بايرىمى باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى

نەق مەيداندا دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تۈرى بولغان «خەنچېڭ بەل دۇمبىقى» نومۇرى كۆرسىتىلمەكتە.

مىڭدىن ئارتۇق ئەل ئىچى سەنئەتكارى بىرلىكتە بەك دۇمبىقى، شىر ئۇسسۇلى، ساۋۇردىن ئورۇنداپ، نەق مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ئۆز مۇخبىرىمىز شۆ جىڭ، جامبۇلات ماناربېك خەۋىرى، فوتوسى: جۇڭگو . باغراش كۆلى 10-نۆۋەتلىك بېلىق تۇتۇش بايرىمى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى داغدۇغىلىق باشلاندى، پائالىيەت ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، تورىمىز پۈتۈن تاراتقۇلۇق سۇپىسىدا پائالىيەتنى سىنلىق بىۋاسىتە كۆرسەتتى، 100 مىڭدىن ئارتۇق تور ئەھلى بىۋاسىتە تارقىتىشنى كۆردى.

    بۇ نۆۋەتلىك پائالىيەتتە بېلىقچىلارنىڭ كۆلگە چىقىش مۇراسىمى، دۇمباق ئويۇنى، شىر ئۇسسۇلى، كوچا ئويۇنى، ساۋۇرىدىن قاتارلىق قويۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەدەنىيەت مەزمۇنى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى، كەڭ كۆلەمدە تور تاشلاپ بېلىق تۇتۇش، يەلكەنلىك كېمىدە سەپەرگە چىقىش، بېلىق ۋە راكلار ئامبارغا لىق تولۇشتەك مەنزىرىلەر نامايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، كۆپچىلىك غايەت زور قازان بېلىق زىياپىتىگە قاتنىشىپ، تۈرلۈك ئەل ئىچى ئۆزگىچە ئېسىل تائاملىرىغا ئېغىز تېگىشتى، كاتېرغا ئولتۇرۇپ باغراش كۆلىدە سەيلە قىلغاچ، ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇر ئالدى.

كەڭ كۆلەمدە تاشلانغان تور ئاستا-ئاستا يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن تۇتۇلغان ساناقسىز «باغراش كۆلى ياۋا بېلىقلىرى»

  بۇ نۆۋەتلىك بېلىق تۇتۇش بايرىمىدا مەدەنىيەت ئامىلى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. دۇمباق ئەترىتى، شىر ئۇسسۇلى، كوچا ئويۇنى قاتارلىق ئەل ئىچى ئويۇنلىرىدىن سىرت، يۈزدىن ئارتۇق كىشىدىن تەشكىللەنگەن ساۋۇرىدىن ئەترىتى، توبشۇر ئەترىتى، ئۇزۇن ۋەزىنلىك خەلق ناخشىسى ئەترىتىنىڭ سەر خىل نومۇرلىرى ساياھەتچىلەردە چوڭقۇر تەسىر ۋە ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىلەرنى قالدۇردى. نەچچە مىڭ ئەل ئىچى سەنئەتكارى بىرلىكتە ئورۇندىغان نومۇرلار پائالىيەت مەيدانىنى ئالقىش سادالىرىغا تولدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق مۇسابىقىسى، يەلكەنلىك كېمە ماھارەت كۆرسىتىش ئويۇنى، بېلىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئەۋرىشكىسى كۆرگەزمىسى، ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى نومۇرلىرى، سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

   تورىمىز بۇ كاتتا بايرامنى نەق مەيداندىن تارقاتقان بولۇپ، تور ئەھلى

http://v.ts.cn/system/2018/06/21/035265008.shtml نى چېكىپ، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى قايتا كۆرسە بولىدۇ.

تورىمىزنىڭ سىنلىق بىۋاسىتە تارقىتىش ئەترىتى خىزمەت ئۈستىدە

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى