تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرى دېھقانلارنىڭ پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ بېيىشىغا ياردەم بەردى

  شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارى مۇخبىرى يەن پىڭ، ۋاڭ تىڭ خەۋەر قىلىدۇ: بورتالا شەھەرلىك ئۇرۇقلۇق باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودۇن يېزىسى جۇكىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ليۇ شىن 6-ئاينىڭ 12-كۈنى بىر دېھقاننىڭ مەسلىھەت سوراپ ئۇرغان تېلېفونىنى ئالغاندىن كېيىن، تېزلا ئېتىز بېشىغا بېرىپ، تېخنىكىلىق يېتەكچىلىكنى باشلىۋەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر بوران ئاپىتى، تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىدە كېۋەز مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولىدۇ، بەزى يەرلەردە كېۋەز مايسىلىرىنىڭ يوپۇرمىقى زىيانغا ئۇچرىسا، ۋاقتىدا كۇلتىۋاتسىيە قىلساق، سۇغىرىپ ئوغۇتلىساق، كېۋەز مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق.

   جۇكىن كەنتىدە ئىككى يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى بولۇپ، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 10 مىڭ مودىن ئاشىدۇ، 30 پارنىك، 28 ئەگمە لاپاس بار. خىزمەت ئەترىتى كەنتنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىدا ئاساسلىقى كېۋەز، باغۋەنچىلىك ۋە كۆكتات ئاساس قىلىنىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىدە بار بولغان ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنى يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى تەجرىبىسى كەمچىل كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارغا تېخنىكا ئۆگىتىپ، تەجرىبە تونۇشتۇرۇپ، دېھقانلارنى پارنىك كۆكتاتچىلىقى ۋە باغۋەنچىلىكنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلىدى.

   جۇكىن كەنتى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى شۈ گوئەن مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيانقى بوران ئاپىتى ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىدە، پارنىكتىكى كۆكتاتلارنىڭ يوپۇرمىقى سارغىيىپ، ئۆسۈشى ئاستىلاپ كەتتى، ئالدىنقى كۈنى خىزمەت ئەترىتىدىكى چېن جىغا تېلېفون قىلدىم، ئۇ پارنىكىمغا كېلىپ تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، كۆكتاتقا دېھقانچىلىق دورىسى چېچىپ، يوپۇرماق يۈزىدىن ئوغۇتلىشىمنى ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ ئىككى كۈندىلا، كۆكتات يوپۇرماقلىرىنىڭ رەڭگى ئەسلىگە كەلدى.

   بۇ يىل، بورتالا شەھەرلىك ئۇرۇقلۇق باشقۇرۇش پونكىتى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سەككىز خىل كېۋەز سورتىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ قېتىمقى كېۋەز سورتىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ سىناق تەرىقىسىدە تېرىش بورتالا شەھىرىدە ھازىر ئاساسلىق ئۆستۈرۈلۈۋاتقان 13 خىل كېۋەز سورتى بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇكىن كەنتىدە ئېلىپ بېرىلدى. تېخنىكلار سورتلارنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىشنىڭ ئالاقىدار تېخنىكىلىق تەلىپى بويىچە، ئېتىز- ئېرىق باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، بەلگە سېلىش ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، كېۋەز تېرىلغۇسىدا تېرىش چوڭقۇرلۇقىنىڭ ئوخشاش بولۇشىنى، ئۇرۇقنىڭ تەكشى سېلىنىشىنى، سورتلارنىڭ ئارىلىشىپ كەتمەسلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كېۋەز مايسىسىنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. 9-، 10-ئايلاردا ئۇرۇقلۇق باشقۇرۇش پونكىتى مۇتەخەسسىس ۋە تېخنىكلارنى تەشكىللەپ، تەجرىبە ئېتىزلىرىدا نەق مەيداندا ھوسۇل مىقدارىنى تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈشتە سۈپىتى ياخشى، ھوسۇلى يۇقىرى، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، بورتالادا تېرىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان سورتلار تاللاپ چىقىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا شارائىت ھازىرلىنىدۇ.

   خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە تېرىقچىلىق بىلىملىرى ۋە مايسا يېتىشتۈرۈش جەريانىدا دائىم ئۇچرايدىغان زىيانداشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى