تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېزا مۇھىتىنى تۈزەش ئەھۋالى تەكشۈرۈلدى

تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېزا مۇھىتىنى تۈزەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن باش يېتەكچىلىكىدىكى 2018-يىللىق تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-گۇرۇپپىسى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا يېزا مۇھىتىنى تۈزەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

   شاۋكەت ئىمىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: نەق مەيداننى تەكشۈرۈش، دوكلات ئاڭلاش، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېزا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدا خېلى ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، كۆپچىلىك ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېزا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىدە پىكىر يولىنىڭ ئېنىق، سالمىقىنىڭ زور، ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنىڭ تېز، ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ھېس قىلدى، بولۇپمۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق يېزىلارنىڭ مۇھىتىدا زور ئۆزگىرىش بولدى.

   شاۋكەت ئىمىن مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش−شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق نازارەتچىلىك خىزمىتىدىكى مۇھىم مەزمۇن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى توغرا چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشى كېرەك. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات تەدبىرى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئېھتىياجى، ئەلرايىغا ماسلىشىشنىڭ تەدبىرى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە بېسىم قىلىپ، غەيرىتىنى ئاشۇرۇپ، ياشاشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا ئەخلەتلىرى، پاسكىنا سۇنى تۈزەش ۋە كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ خىزمەتنىڭ شىنجاڭ بويىچە ئالدىن قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

   شاۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم تۈزۈمگە، قانۇنچىللىققا تايىنىش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جاۋابكارلىق، قانۇنىي جاۋابكارلىق، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، زىممىگە ئېلىشنى خىزمەت ئۈنۈمىدە نامايان قىلىپ، تېخىمۇ زور جاسارەت، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

   قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-گۇرۇپپىسى 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ داۋانچىڭ رايونى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا يېزا مۇھىتىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېزا مۇھىتىنى تۈزەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى نەق مەيداندا ئاڭلىدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 2018-يىللىق تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 1-گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سو يۆ پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى