تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيا ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشەندى

گاۋ فاڭ

   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا، جۇڭگونىڭ دۇنيانى چۈشىنىشى، دۇنيانىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشى دەۋرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ 2013-يىلى رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ مول ۋە چوڭقۇر بولدى. بۇ مەدەنىيەت تېز پويىزىغا ئولتۇرۇش بىلەن شىنجاڭنىڭ تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى−جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى، جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ «جۇڭگو ۋە چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى»، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت كۆرگەزمىسى... بۇ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى «مىللەتلەر ئىناق ئۆتىدىغان، سەنئەت گۈللەنگەن، مەدەنىيەت ئېچىۋېتىلگەن» شىنجاڭنىڭ يېڭى ئوبرازى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

   ئۇسسۇل نامى بىلەن دۇنياغا شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى ئېچىۋېتىلدى

  ياز كۈنلىرى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باغچە ۋە مەيدانلار ئۇسسۇل ئوينايدىغانلار بىلەن توشۇپ كېتىدۇ، مەشرەپتىن قارا يورغىغىچە، ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلدىن موڭغۇلچە ئۇسسۇلغىچە، ئەر- ئايال، قېرى- ياش مىللەت ئايرىماستىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇسسۇل ئويناپ، خۇشاللىقتىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

  شىنجاڭلىقلار ناخشا- ئۇسسۇلغا ئامراق، ھازىرغىچە جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى بەش نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ زېمىندا كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولدى.

   جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى 2008-يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ بۈگۈنگىچە، جەمئىي 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئويۇن قويۇش ئۆمىكىنى تەكلىپ قىلىپ، ئاممىغا 300 مەيدان سەرخىل مەدەنىيەت زىياپىتى بېرىلدى. ئۇسسۇل بايرىمىدىكى سۈپەتلىك نومۇرلارنىڭ ھەر نۆۋەتتە مەزمۇنى يېڭىلىنىپ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقى تولۇق نامايان قىلىنىپلا قالماي، دۇنياغا ئىشەنچكە تولغان، كەڭ قورساق، ئىناق، گۈزەل، مۇقىم، تەرەققىي قىلغان شىنجاڭ نامايان قىلىندى، ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى.

   ئۇسسۇل نامى بىلەن دۇنياغا شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى ئېچىۋېتىلدى. بۇ دەرۋازا ئارقىلىق مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاماشىبىنلار، سەنئەتكارلار شىنجاڭدىكى سەنئەتكارلار ئىجاد قىلغان نادىر ئىجادىيەتلەردىن شىنجاڭدا قۇملۇق، توغراقلىق، چۆللۈك، بوستانلىقتىن باشقا، يەنە جۇلالىنىپ تۇرغان ناخشا- ئۇسسۇل سەنئىتى، شۇنداقلا مېھماندوست، بەختلىك ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدى.

   ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى بىر ئارتىس مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتىدە زور يېڭىلىق يارىتىلىپتۇ، بۇ ماڭا زور ئىلھام بولدى. مەنمۇ يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشىپ، كېلەر نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىغا خەلقئارا سەۋىيەدىكى نومۇرلىرىمنى قاتناشتۇرىمەن.

   ئىككى نۆۋەت ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتناشقان جۇڭگو ئوپېرا-ئۇسسۇل تىياتىرى ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى خەلقئارا سۇپىغا ئايلاندى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆمەكلەر بۇ سۇپا ئارقىلىق ئۆگىنىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈردى.

   سەنئەتتىن گۈزەل مەنزىرە ھاسىل بولدى، شىنجاڭ دۇنياغا «خۇشاللىق» بېغىشلىدى

   مەدەنىيەت ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشتا سەرخىللىشىدۇ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇلسا يېڭىلىنىدۇ، مەدەنىيەت سىغدۇرۇشچان بولسا گۈللىنىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا يولى، شۇنداقلا دوستلۇق يولى؛ ماددىي مەدەنىيەت چەمبىرىكى، شۇنداقلا مەنىۋى مەدەنىيەت چەمبىرىكى. تىيانشاننىڭ چوققىسى ۋە ياۋروپا- ئاسىيانىڭ ئۆگزىسىدە، «بىر بەلباغ، بىر يول» دۇنيانىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان شىنجاڭغا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق دۇنياغا قۇچاق ئاچتى.

   2011- يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز «سەنئەت ئارقىلىق يىپەك يولىدا گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىش»نى ئاساسىي تېما قىلىپ، بەش نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى «جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، ھىندىستان، سېربىيە قاتارلىق 30 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت ئاپپاراتلىرىنى تەكلىپ قىلدى. ھەر نۆۋەتلىك جۇڭگو− ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە قويۇق ئالاھىدىلىككە ئىگە «جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپ، ھەر ۋاقىت دۇنياغا «مىللەتلەر ئىناق ئۆتىدىغان، سەنئەت گۈللەنگەن، مەدەنىيەت ئېچىۋېتىلگەن» شىنجاڭ توغرىسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، ھەرقايسى دۆلەت ۋە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى بۇ كاتتا سەنئەت پائالىيىتىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندۇرۇپ، دۇنيا بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى.

   «بۈگۈنكى جۇڭگو» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ ئىسپان تىلى مۇتەخەسسىسى مەي گاۋ ئالتە دۆلەتنىڭ گۈزەل سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، مۇنداق دېدى: دۇنيا دەرىجىلىك نۇرغۇن ئۇستاز بۇ كۆرگەزمىگە قاتناشتى، ھەرقايسى دۆلەتلەر جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى سۇپا قىلىپ، ئېسىل مەدەنىيەتلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇردى، بۇ خىل شەكىل بەك ياخشى ئىكەن.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈچ نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت كۆرگەزمىسى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن سەنئەتكار ۋە كۆرگەزمىنى كۆرۈشكە كەلگەنلەرگە خۇشاللىق بېغىشلىدى.

   مەدەنىيەتنى «سىرتقا يۈزلەندۈرۈش» دۇنياغا شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ بەردى

   پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش دائىملىق ئىشقا ئايلاندى، شىنجاڭ يولغا قويغان بىر قاتار يۇقىرى سەۋىيەلىك چوڭ تىپتىكى تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دۇنيانى شىنجاڭ توغرىسىدا ھەقىقىي تونۇشقا ئىگە قىلدى.

   بۇ يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراننى زىيارەت قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇ جايدىكى خەلققە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىپ، جەمئىيىتى مۇقىم بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئىتتىپاقلاشقان مەنزىرىنى تونۇشتۇردى ۋە نامايان قىلدى.

  2015-يىلىدىن بۇيان، «جەلپكار جۇڭگو. رەڭدار شىنجاڭ» مەخسۇس تېمىسىدىكى جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى پائالىيىتى فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە، رۇسىيە، پاكىستان، سىرى لانكا، قازاقىستان، لائۇس قاتارلىق 40 نەچچە دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەر پات- پات چەت ئەللەرگە چىقىپ تۈرلۈك ئىلىم ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، ئالماشتۇرۇش ئويۇنى قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇردى.

   دۇنيادىكى 140 دۆلەت ۋە رايوندىكى 500دىن ئارتۇق شەھەردە 2000 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويۇلدى، چەت ئەللىك تاماشىبىنلار 280 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئاشتى−2010-يىلىدىن بۇيان، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق-كومىتېتلىرى، جايلاردىكى مەدەنىيەت كوللېكتىپلىرى ۋە چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلار بىلەن بىرلىكتە چەت ئەلدە «شادىمان چاغان» چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى، شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكى ئۇدا 14 يىل «شادىمان چاغان» سەھنىسىدە ئويۇن قويۇشقا قاتناشتى.

   يازغۇچى ئەكبەر مىجىت مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئەلرايى قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەتنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىش، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق، ئۇ، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرىدۇ. شىنجاڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت ماركىسى يارىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى