تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان چارۋىچىلاردىكى يېڭى ئۆزگىرىش

«خىزمىتىم بار بولدى، تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئالمايمەن»

−شىنجاڭدىكى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان چارۋىچىلاردىكى يېڭى ئۆزگىرىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن شاۋشيۇڭ

   قازاق يىگىت مەدەنىيەت مۇساننىڭ كۆڭلىدە «ئۆزۈم بېجىرىم ھەم ساغلام، ئات مىنسەممۇ، قوي باقساممۇ ئەزەلدىن چارچىمايمەن، ئەمما تۇرمۇشتا تۆۋەن كاپالەت پۇلىدىن ئايرىلالمايۋاتىمەن، تۆۋەن كاپالەت پۇلى بىلەن ئاچ قالمايمەن، ئەمما تەمبەل بىر ئەر تۇرۇپ، ئۆمۈر بويى تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ قالسام قانداق بولىدۇ؟» دەيدىغان بىر تۈگۈن بار ئىدى.

   2013-يىلى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى 1000 دىن ئارتۇق چارۋىچى تاغ ئىچكىرىسىدىكى يايلاقتىن ئۇزۇنبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانى مەركىزىگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، يېڭىچە تۇرمۇشىنى باشلىدى، مەدەنىيەت مۇسان ئۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

   مەدەنىيەت مۇسان مۇنداق دېدى: مۇقىم ئولتۇراقلىشىش ياخشى ئىكەن، يېڭى ئۆيىمىزدە سۇ، توك بار، قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزىمىز، ئەمما نۇرغۇن كىشى بىردىنلا قىلىدىغان ئىش تاپالماي قالدى. مۇقىم ئولتۇراقلىشىشتىن بۇرۇن كۆپ ساندىكى چارۋىچى كالا، قويلىرىنى سېتىۋەتكەچكە، باقىدىغان قوي- كالىلىرى يوق، ئۆيىدە بىكار تۇرۇپ قالدى.

   ئۇزۇنبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ليۇ جياشىڭ مۇنداق دېدى: ئۇزاق مۇددەت سۇ، ئوت- چۆپ قوغلىشىپ ياشاپ كەلگەن چارۋىچىلار مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، كۆپ جەھەتتە ماسلىشالماي قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى پىششىق بىلمىگەچكە، نۇرغۇن كىشى سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمەي، تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. 2014-يىلى چارۋىچىلىق مەيدانىدا 187 ئائىلىدىكى 417 كىشى تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئالاتتى.

   دۆربىلجىن ناھىيەسى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئالاھىدە بولغان نامراتلىق ئەھۋالغا قارىتا، چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر تەرەپتىن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئىستاتىستىكا قىلىپ يۇقىرىغا يوللاش، كادىرلار ئائىلە زىيارىتى قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرىنى تىزىملاپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلىدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، دېھقان- چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسى، پارتىيە ئەزالىرى- ئامما كۆچمە مۇلازىمەت پونكىتىدىن پايدىلىنىپ، چارۋىچىلارغا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئۆگەتتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى، كۆپچىلىكنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا ئىلھاملاندۇردى.

   ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، ئائىلە زىيارىتى قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق چارۋىچىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

   ليۇ جياشىڭ مۇنداق دېدى: چارۋىچىلار بىز يەتكۈزگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، دەرھال ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

   مەدەنىيەت مۇسان مەيدان ئىشتابىدا تازىلىق ئىشچىسى بولدى، ئۇ تۇنجى ئايدا 800 يۈەن ئىش ھەققى ئالغاندىن كېيىن، دەرھال ليۇ جياشىڭنى ئىزدەپ رەسمىيەت بېجىرىپ، ئۇزۇنبۇلاقتىكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەن كاپالەتتىن چېكىنگەن تۇنجى چارۋىچى بولۇپ قالدى.

   مەدەنىيەت مۇسان بۇ يىل يەنە چېگرا قوغدىغۇچىلىققا كۆرسىتىلىپ، ئايلىق ئىش ھەققى 2000 يۈەنگە ئۆستى، ئۇ ھازىر نۆۋەتچىلىك قىلىش، چارلاش بىلەن ئالدىراش يۈرىدۇ. بوش ۋاقىتلىرىدا خەنزۇ قوشنىسىدىن تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ئۆگىنىپ، قورۇسىغا چەيزە، شوخلا تېرىدى، قارىقات كۆچىتى تىكتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يەنە بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، بۇ مېۋە، كۆكتاتلار يېگۈدەك بولىدۇ، ئەر كىشى ئىككى قولىغا تايىنىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك. خىزمىتىم بار بولدى، تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئالمايمەن.

   مەدەنىيەت مۇساننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «تىپ ئۆزگەرتكەن»لىكىنى ئاڭلاپ، تۆۋەن كاپالەتتىن بەھرىمەن بولىدىغان باشقا كىشىلەر ئولتۇرالماي قالدى، ئۇلار بەس- بەستە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن مەسلىھەت سورىدى. نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇلارغا بىرمۇبىر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش لايىھەسى تۈزۈپ بەردى.

   شۇنداق قىلىپ، سۈر گۆش تەييارلاش ھۈنىرى بار ئاينۇر ئاۋۇل ئارامگاھى ئاچتى؛ قاينار دەۋلەتقان تىرانسپورت شىركىتىگە شوپۇرلۇققا تونۇشتۇرۇلدى؛ جاينار توختار ناھىيە بازىرىدا كۆكتات، مېۋە- چېۋە دۇكىنى ئاچتى؛ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى قولايسىز بولغان چارۋىچىلارغا باچكا تارقىتىپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ھويلا- ئاران باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا مەدەت بېرىلدى...

   ھازىرغا قەدەر، چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى 55 ئائىلىدىكى 86 كىشىگە كېمەيدى.

   چارۋىچىلىق مەيدانى ئىشتابىدىكى تەشۋىقات تاختىسى سۈرەتلەر بىلەن لىق تولغانىدى، ھەر بىر پارچە سۈرەتنىڭ يېنىغا «تۆۋەن كاپالەتتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېكىنگەن ئائىلە» دەپ يېزىلغانىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى