تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ باھالاندى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ كەندۇڭنىڭ 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەتچىلەر جەمئىيىتىدىن ئۇقۇشىچە، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى مۇنبىرىدە، شىنجاڭدىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى نىڭخۇا، ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى خۇاڭشەن، سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى گەنزى زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، يۈننەن ئۆلكىسىدىكى پۇئېر شەھىرى قاتارلىقلار 2018- يىللىق جۇڭگودىكى ئون ياخشى ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى مەنزىلگاھى بولۇپ باھالانغان.

   بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى جۇڭگو ساياھەتچىلەر جەمئىيىتى(CAT) مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، دۇنيا ئىمكانىيەتلىك سىجىل ساياھەتچىلىك كومىتېتى(GSTC)، دۇنيا ئېكسپېدىتسىيە ساياھەتچىلىكى سودا جەمئىيىتى(ATTA)، جۇڭگو ساياھەتچىلەر جەمئىيىتى ئېكسپېدىتسىيە ساياھەتچىلىكى شۆبە جەمئىيىتى(CATA)، خەلقئارا مارافون ۋە تاشيولدا يۈگۈرۈش جەمئىيىتى(AIMS)، دۇنيا تەبىئەت فوندى جەمئىيىتى(WWF)، ئەنگلىيە ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيە جەمئىيىتى(SES) قاتارلىق دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتىگە ئالاقىدار تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەم «سەنفۇ» دالا ساياھىتى، دىكاچلون ساياھىتى، كۆل ساياھىتى سانلىق مەلۇماتى قاتارلىق دالا ھەرىكىتى، ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مۇنبەرگە قاتناشتى.

   ساياھەت ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسى ئۆسكەن شارائىتتا، مەدەنىيەت ساياھىتى كەسىپلىرىنىڭ «ساننى زورايتىشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە، نۇقتا-لىنىيە-تەرەپتىن كۆپ ئىستېرېئولۇققا ئۆزگىرىشكىچە» بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى كەسپى مۇقەررەر ھالدا ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى ئۆسۈش نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ. تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى مۇنبىرىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى «جۇڭگو ئېكسپېدىتسىيە يىلى»نىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ، جۇڭگو ھەتتا دۇنيا ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا چوڭقۇر، ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

   خوتەن ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دەي جىڭدۇڭ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭ تىيانشان تېغى بىلەن قاراقۇرۇم تېغى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەم ھەيۋەتلىك تاغ-دەريالار ھەم دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق بار، جەنۇبىي شىنجاڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتىنىڭ ئەڭ ياخشى مەنزىلى، سىۋېن ھېدىن قاتارلىق ئېكسپېدىتسىيەچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىپ مېھرىنى ئۈزەلمەي قالغان. ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئەڭ ياخشى ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى مەنزىلگاھى بولۇپ باھالانغانلىقى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيغاندەك ئىش بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلىشنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى