تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

باركۆل ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى

   باركۆل ئىستىراھەت، يېزا ئىگىلىك ساياھەتچىلىكىدىكى ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى

   شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى ياجۈەن، زو جۈەن خەۋەر قىلدۇ: 6-ئاينىڭ 3-كۈنى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى گاۋ جياخۇ سۇلۇق يەر 2-ئۆستەڭ سۇ ئامبىرى مەنزىرە رايونىدا، سىچۈەنلىك ساياھەتچى تاڭ شىن مەنزىرىلەرنى كۆرگەچ: قاراڭ، داۋالغۇپ تۇرغان كۆل يۈزىدە قۇشلار پات- پات ئۇچۇپ تۇرىدىكەن، سۇ ئاستى ئۆسۈملۈكلىرى سۇ يۈزىدە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلارنىڭ شولىسى سۇغا چۈشۈپ تۇرىدىكەن، يىراقتىكى تۇتاش كەتكەن قارلىق تاغلار ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈنىدىكەن! بۇ يەر دەم ئېلىشقا بەكمۇ لايىق ئىكەن، دېدى. يېقىندا ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، 2-ئۆستەڭ سۇ ئامبىرى مەنزىرە رايونى كۈندە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 300 ئادەم(قېتىم)گە يەتتى.

   2-ئۆستەڭ سۇ ئامبىرى مەنزىرە رايونى باركۆل ناھىيە بازىرىنىڭ 16 كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، ئامبار رايونىنىڭ كۆلىمى 4000 مو كېلىدۇ. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، بۇ مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، توققۇز ياغاچ ئۆي شەكلىدىكى يېمەك- ئىچمەك ئايرىمخانىسى، چوڭ تىپتىكى بىر مېھمان كۈتۈش مەركىزى، بىر ساياھەت ئاممىۋى ھاجەتخانىسى ياسىدى ۋە كۆپ خىل يۈرۈشلۈك ساياھەت ئىستىراھەت ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ يۇلتۇزلۇق ئىستىراھەت ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قۇرۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باركۆل ناھىيەسى ئىستىراھەت، يېزا ئىگىلىكى ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستىراھەت، يېزا ئىگىلىكى ساياھەتچىلىكىدىكى كۈچلۈك ناھىيە قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى. ناھىيەنىڭ ئىستىراھەت، يېزا ئىگىلىكى ساياھەتچىلىك ئىقتىدارىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش، خاسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپنى يۇغۇرۇش تىپىغا قاراپ يۈزلەندۈردى. يىل بېشىدىن باشلاپ يەنە، «ساياھەت+» «ئېكولوگىيە+» «ئالاقە تورى +» قاتارلىق شەكىلدىن پايدىلىنىپ، ئىستىراھەت، يېزا ئىگىلىك ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

   بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ناھىيە بويىچە يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار ئارامگاھى ۋىۋىسكىسى ئاسقان كارخانا 22 گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە بەش كارخانىغا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئىستىراھەت، ساياھەت قىلىشتىكى ئۈچ يۇلتۇزلۇق ئۈلگە نۇقتىسى دېگەن ۋىۋىسكىنى بەردى، بۇلارنىڭ يىللىق تىجارەت كىرىمى 9 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، جەمئىيەتنى 68 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. ئىستىراھەت، يېزا ئىگىلىكى ساياھەتچىلىكى بۇ ناھىيەنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى يولىغا ئايلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى