تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ھۆل تەمرەتكە بىمارلىرى يۈرەك قان-تومۇر كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك

ماتېرىيال سۈرەت

    ھۆل تەمرەتكە بىر خىل تېرە كېسەللىكى بولۇپ، يەر شارى بويىچە %10 قورامىغا يەتكەن كىشى بۇ كېسەلنىڭ ئازابىنى تارتماقتا. بۇ كېسەلدە تېرە قىچىشىش، ئىششىش، يېرىلىش ئالامەتلىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئېغىر دەرىجىدە ھۆل تەمرەتكىگە گىرىپتار بولغان قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ يۈرەك كېسىلى، سەكتە ۋە باشقا يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت: ھۆل تەمرەتكە بىمارى

  ئەنگلىيە لوندون سەھىيە ۋە ئىسسىق بەلباغ تېببىي شۆيۈەنىدىكى پىروفېسسور سىنىدېر لىنگان يېتەكچىلىك قىلغان تەتقىقات كوللېكتىپى 385 مىڭ ھۆل تەمرەتكە بىمارىنىڭ سالامەتلىك سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلغان. تەتقىقاتچىلار ئاۋۋال بىمارلارنى يېنىك، ئوتتۇراھال ۋە ئېغىر دەپ ئۈچ دەرىجىگە بۆلگەن ھەمدە ئۇلارنى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن بەش يىلغا يېقىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ يۈرەك كېسىلى، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك زەئىپلىشىش، يۈرەك رېتىمى تەرتىپسىزلىنىش، سەكتە ۋە يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشتەك ئېغىر كېسەللىك ئەھۋاللىرى خاتىرىلەپ قويۇلغان. بەدەن ئېغىرلىقى، تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىشتەك يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنى ئويلاشقاندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار يەنە ئېغىر دەرىجىدىكى ھۆل تەمرەتكە بىمارلىرىنىڭ سەكتە بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ باشقا بىمارلارغا قارىغاندا %20 يۇقىرى بولىدىغانلىقى، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك كېىسلى، دالانچە تىترەش ۋە يۈرەك قان-تومۇر كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ %50-%40 يۇقىرى بولىدىغانلىقى، يۈرەك زەئىپلىشىشكە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ %70 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئەنگلىيە كادىف داشۆسىنىڭ تېرە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى جون ئىگرام مۇنداق دېدى: ھۆل تەمرەتكىنىڭ ئومۇمىيلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاممىۋى ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ تەتقىقاتنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. تەتقىقات نەتىجىسى دەرھال يېڭى بىر ئەۋلاد بىيودورىنى تەتقىق قىلىپ ئېغىر دەرىجىدىكى ھۆل تەمرەتكىنى داۋالاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى