تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

سىلاپ بېرىشمۇ ھامىلە تەربىيەسىگە كىرىدۇ

 

ماتېرىيال سۈرەت

    ھامىلىدار بولۇپ تۆت، بەش ئاي بولغاندا ئانىلار سېزىك ئازابىدىن قۇتۇلۇپ، ئانا بولۇشنىڭ خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا قورساقتىكى بالا بىلەن ئۆزئارا كۆپرەك تەسىر كۆرسەتكەندە، بالا ئانىنىڭ مۇھەببىتىنى ھېس قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بالىنىڭ نېرۋىلىرى يېتىلىپ، تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  ھامىلىنىڭ ئاڭلاش سەزگۈسى بىلەن تېگىش سېزىمى ناھايىتى سەزگۈر بولىدۇ، شۇڭا ئاكتىپ ھالدا ئۆزلۈكىدىن قورساقنى سىلاپ بەرگەندە ھامىلىنىڭ ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، بەدەن رېفلېكىسلىق لۆمۈلدىگەندە چوڭ مېڭە، بەدەن ھەرىكىتى، تۇيغۇ ۋە نېرۋا سىسىتېمىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ياخشىلىنىدۇ. ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ بەشىنچى ئېيىدا ھامىلىنىڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى، بۇ چاغدا يېتىلىش بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ، ئاڭلاش سەزگۈسى ۋە كۆرۈش سەزگۈسى قاتارلىق نېرۋا سىسىتېمىسى داۋاملىق تەرەققىي قىلىدۇ، بۇ چاغدا ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، بۇ مەزگىل قورساقنى سىلاپ ھامىلە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى.

ماتېرىيال سۈرەت

  قورساقنى سىلاپ ھامىلە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ، بىز بۇ يەردە ئىككى خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز: بىرىنچى، ئايلاندۇرۇپ سىلاش ئۇسۇلى. ئانا قورساقنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، قولىنى كىندىك ئۈستىگە قويۇپ، كىندىكنى مەركەز قىلىپ سائەت ئىسترېلكىسى يۆنىلىشى بويىچە ئۈچ قېتىم، ئاندىن سائەت ئىسترېلكىسىغا قارشى يۆنىلىش بويىچە ئۈچ قېتىم سىلاپ بەرسە بولىدۇ، ھەر قېتىمدا ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە يېنىك سىلاپ بېرىش كېرەك. ئىككىنچى، بېسىپ سىلاش ئۇسۇلى. ئانا قورساقنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، ئالقان بىلەن كىندىكنىڭ ئۈستى، ئاستى، سول، ئوڭ تەرىپىنى كۈندە تۆت قېتىمدىن ئالتە قېتىمغىچە بېسىپ سىلاپ بەرسە بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    قورساق يېنىك دەرىجىدە ئويمان ھالەتكە كەلگىچە كۈچىسىلا بولىدۇ. كۈچ سالمىقى بەك ئېشىپ كەتسە ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قورساق سىلاپ ھامىلىگە تەربىيە بېرىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندا، چۈشلۈك دەم ئېلىشتىن كېيىن ھەم كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن سىلاپ بەرسە ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئانا قورسىقىنى سىلاۋاتقاندا ھامىلىنىڭ كۈچەۋاتقان ياكى تەپكەنلىكىنى بايقىسا بۇ سىلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزىراپ، ھامىلىنىڭ دەم ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ چاغدا ئانىلار سىلاشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك.

  ئاتىلارمۇ قورساق سىلاپ ھامىلە تەربىيەلەش جەريانىغا قاتناشسا بولىدۇ، يېنىك مۇزىكا ئاڭلىغاچ سىلاپ بەرسە ھەمدە ھامىلە بىلەن ئۆزئارا ئالاقە قىلسا بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ھامىلىدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى شەكىللىنىپ، ئۆزىنى راھەت، خۇشال ھېس قىلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى