تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئىسلاھاتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىگە ياقتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا

  ‹‹ياخشىمۇ سىلەر، مەن بۈگۈنكى خەۋەرلەرنىڭ دىكتورى، ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى خەۋەرنى ئاڭلايلى››. 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى (شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى)نىڭ ‹‹ماركسىزمنىڭ تۈپ قائىدىسى›› دەرسىدە، بۇ مەكتەپنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ 1 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېن فاڭ خەۋەر ئاڭلىتىۋاتاتتى.

  چېن فاڭ قىسقىغىنا ئون مىنۇتتا ئۆتكەن بىر ھەپتىدىكى خەلقئارا خەۋەرلەر، مەملىكەت خەۋەرلىرىدىن شىنجاڭ خەۋەرلىرىگىچە، يەنە تېخى ئۆگىنىۋاتقان كەسىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساياھەت خەۋەرلىرىگىچە بولغان مەزمۇنلارنى ئاڭلاتتى، شۇنداقلا PPT ئارقىلىق بىر – بىرلەپ ساۋاقداشلىرىغا كۆرسەتتى. دەرستىن كېيىن، خەۋەر ئاڭلىتىش تەسىراتى ئۈستىدە توختالغاندا، چېن فاڭ يەنە مۇنداق دېدى: خەۋەرلەر بەش كىشىدىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپىلار بويىچە ئاڭلىتىلىدىغان بولۇپ، خەۋەر توپلاش، PPT ئىشلەش ۋە چۈشەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل دەرس سۆزلەش ئۇسۇلىنىڭ تۈرتكىسىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىشلىرى، جاھاندىكى ئىشلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدۇق، نەزەر دائىرىمىزمۇ كېڭەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىيەت جەريانىدا قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىمىز تېخىمۇ ئېشىپ، ھەمكارلىشىش ئېڭىمىزمۇ كۈچەيدى.

  ‹‹دەرستىن ئىلگىرىكى ھەپتىلىك خەۋەرلەر›› شىنجاڭ پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ 2009–يىلىدىن باشلاپ ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسلىرىنى ئۆتۈشتە قوللانغان بىر خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لياڭ رۇڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى دەرسنى ئوقۇتقۇچىلارلا سۆزلەيتتى، بۇلتۇردىن باشلاپ بىز مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلاش ۋە جانلاندۇرۇشتا ئسلاھات ئېلىپ بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، سىناق نۇقتىلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەتتۇق، بۇ يىل بۇ خىل ئۇسۇلنى ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسخانىلىرىدا ئومۇملاشتۇردۇق. ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسىدە ھەپتىلىك خەۋەرلەرنى سۆزلەپ، مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى ئېقىم مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى مۇھىم خەۋەرلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجىن – سىياسەتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى سۆزلەنگەن مەزمۇنغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلاردىكى ئۇقۇم مۈجمەل بولۇش، خاتا ئىدىيەلەر پەيدا بولۇپ قېلىشلارغا قارىتا پاكىت سۆزلەش، قائىدە چۈشەندۈرۈش، كەيپىياتنى تۈپتىن يېڭىلاش ئارقىلىق ئاساسلىق ۋاسىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق.

  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئدىيەۋى – سىياسىي دەرسىنى يېڭىلاش ۋە جانلاندۇرۇشى ياخشى ھېكايىلەرنى سۆزلەش، ھېكايىنى سۆزلەشكە ماھىر بولۇش جەھەتتە گەۋدىلەندۈرۈلدى. ‹‹گو مىڭيىي›› ۋە ‹‹سىز بەختلىكمۇ؟››قاتارلىق قىسقا كۆرۈنمە چاستوتا ۋە ھېكايىلەرنى كۆرسىتىش ۋە سۆزلەش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ غايە – ئېتىقادى چىڭىتىلدى.

  لياڭ رۇڭ مۇنداق دېدى: مەسىلەن، ‹‹ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسى دەرسىدە، بىز ليۇۋ شياخېنىڭ ‹‹غايە›› ناملىق شېئىرىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ماركسىزملىق غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشەندۈردۇق. مەخسۇس تېمىلىق ئوقۇتۇش كوللېكتىپى قۇرۇپ، ئوقۇتۇش ماتېرىيالى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرس ئوقۇتۇشىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بىز يەنە مەۋقەنى ماركسىزم نەزەرىيەسى ئىلمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىك، دەرسخانا ۋە كاللىغا كىرگۈزۈپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسىدىن ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدىغان دەۋرنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى