تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

يالقۇنتاغ مەھەللىسىدىكى قېرىنداشتەك ئۆتۈۋاتقان قوشنىلار

مۇخبىرىمىز شى شىن

   6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى يالقۇنتاغ مەھەللىسىنىڭ مەدەنىيەت مەيدانىدا مۇشۇ مەھەللىدىكى 66 ياشلىق چېن ليەنيىڭ كۆپچىلىكنى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا تەشكىللەۋاتاتتى. مەھەللىدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان چوڭ – كىچىك، ئەر – ئاياللار مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ چېھرىدىن جۇشقۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى.

   يالقۇنتاغ مەھەللىسى 2015 – يىلى ئىدىقۇت رايونىغا قۇرۇلغان ئەڭ چوڭ ئەمىن ئۆي ئولتۇراق رايونى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىناق، بەختلىك ياشىماقتا. ئۇلار بىللە ئىگىلىك تىكلەش، بىللە ئۆگىنىش، بەختتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك مەھەللە بەرپا قىلدى.

   ھەر مىللەت ئامما ئىناق ياشىماقتا

   بۇ مەھەللىدىكى شياڭ شۇچىڭنىڭ 14 ياشلىق ئوغلى ئۈچۈن ئېيتقاندا، 19 – بىنانىڭ 2 – كورپۇسىدىكى 101 – ئۆي ئۆزىنىڭ ئۆيى، 102 – ئۆيمۇ ئۆزىنىڭ ئۆيى ئىدى. ئۇ مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە ئۆيىدە ئادەم بولمىسا، 102 – ئۆيدىكى ئامىنە ھەمدۇلنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ، ئاچا مەن قايتىپ كەلدىم، دەپ ئۆزىنىڭ ئۆيىدەكلا ئۇدۇل ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ، يەيدىغان نەرسىلەرنى تېپىپ يەپ، تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەيتتى.

   ئۈچ يىل ئىلگىرى بۇ ئىككى ئائىلە بۇ مەھەللىگە يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەندە، ئۇچرىشىپ قالسا سالاملىشىپلا قوياتتى. بىر قېتىم ئامىنە ھەمدۇلنىڭ قىزى ئادىلە كېچىدە قاتتىق قىزىپ كەتكەندە، قوشنىسى شياڭ شۇچىڭ ئامبۇلاتورىيە ئاچقاچقا، ئامىنە ئۇلارنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ ياردەم سورىدى. شياڭ شۇچىڭ بالىنى دەرھال جىددىي داۋالاپ بالىنىڭ قىزىتمىسىنى ياندۇردى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى قوشنىنىڭ مۇناسىۋىتى كۈندىن – كۈنگە يېقىنلاشتى.

   ئامىنە ھەمدۇلنىڭ خەت يېزىشنى مەشىق قىلىدىغان دەپتىرىنى شياڭ شۇچىڭ ئېلىپ بەرگەن، شياڭ شۇچىڭنىڭ سافا ياپقۇچىنى ئامىنە ھەمدۇل سوۋغا قىلغان. ئۇلار مەھەللىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرى بولۇپلا قالماي، يەنە مۇشۇ كورپۇستىكى باشقا ئائىلىلەرنىمۇ ئۆزئارا تۇغقانلىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، 2 – كورپۇسنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك كورپۇسقا ئايلاندۇردى.

   شۈ جاۋلەننىڭ پۇتى سونۇپ كەتكەندە، قوشنا  – قولۇم، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، ئۈچ ئاي ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالدى، جيەن شېڭگۈينىڭ ئوغلىنى ئۆيلەيدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان تۇردى مەڭلىك توي كۆچۈرۈش پىكاپىنىڭ ئوڭغۇل – دوڭغۇل يولدىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوشنىلارنى يول ياساشقا چاقىردى، ۋېن ۋېيمىن ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، بۇ مەھەللىدىكىلەر ئۆزلۈكىدىن ئىئانە يىغىپ ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلدى.

   مەھەللىدىكىلەر قىيىنچىلىق بولسا بىرلىكتە ياردەم بېرىشتى، خۇشاللىقتىن تەڭ شادلاندى، ناتونۇش قوشنىلار بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، مەھەللىنىڭ كەيپىياتى بىردىنلا جانلاندى، قوشنىلارنىڭ بىر – بىرىگە مېھرى چۈشۈپ، خۇددى بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك ئېجىل – ئىناق ئۆتىدىغان، بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ كېتىشتى.

   ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشتە بىللە بولدى

   ئىدىقۇت رايونىنىڭ ئەتلەس يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ ‹‹شىڭلىدا›› كىيىم – كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تارماق زاۋۇتىدىكى 200 نەچچە ئىشچىنىڭ 50 نەچچىسى يالقۇنتاغ مەھەللىسىدىن، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن يۈز نەچچە ئىشلەمچىمۇ مۇشۇ مەھەللىدە ئولتۇرىدۇ.

   28 ياشلىق ئوغۇلجان ئابلەت 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرى يالقۇنتاغ مەھەللىسىنىڭ تەشكىللىشىدە ئېرى بىلەن بىللە كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، كىيىم تىكىش زاۋۇتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىشچىلىرى بولۇپ قالدى.

   ئوغۇلجان ئابلەت مۇنداق دېدى: دەسلەپتە ھېچنېمىنى بىلمەيتتىم، لېكىن ‹‹سىڭلىم›› ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەتكەچكە، ھازىر تىككۈچىلىك 3 – گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولدۇم، ‹‹سىڭلىم››غا رەھمەت ئېيتىمەن. ئوغۇلجان ئابلەتنىڭ ‹‹سىڭلىم›› دېگىنى زاۋۇت كادىرلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ياڭ يەن ئىدى. بۇ ئىككى ئاچا – سىڭىلنىڭ ئۆيى يېقىن بولغاچقا، كۈندە دېگۈدەك بىللە ئىشقا بېرىپ كېلەتتى.

   ياڭ يەن مۇنداق دېدى: بىز قوشنا تۇرساق، بىر – بىرىمىزدىن ياردىمىمىزنى ئايىساق بولمايدۇ.

   مەھەللە سىرتىدا، ئاھالىلەر بىر – بىرىگە ياردەم بېرىپ بىرلىكتە خىزمەت قىلىدۇ، مەھەللىدە بولسا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىدۇ.

   ‹‹چېۋەرگۈل مىللىيچە كىيىم  – كېچەك لايىھەلەش دۇكىنى›› يالقۇنتاغ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەرنى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان ئۈلگىلىك ئورۇن بولۇپ، ئارزۇگۈل نەجمىدىن بۇ ئورۇننىڭ مەسئۇلى ئىدى، ئۇ ئاساسلىقى سەنئەت كىيىمىنى لايىھەلەش، تىكىش، سېتىش، ئىجارىگە بېرىش بىلەن شۇغۇللىناتتى.

   دەسلەپتە ئارزۇگۈل نەجمىدىن مەھەللىنىڭ يەر ئاستىدىكى 20 كىۋادرات مېتىرمۇ كەلمەيدىغان ئىككى ئېغىز ئوينى ئىجارىگە ئېلىپ ئىش باشلىغانىدى، تىكىلگەن كىيىملەرنى تىزىدىغان ئورۇن بولمىغاچقا، يەنە كېلىپ خېرىدارمۇ كۆپ بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئىچى بەكمۇ تىتىلدىغانىدى. ئۇنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىدىن خەۋەر تاپقان مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى مەھەللىدىكى پائالىيەت ئۆيىنى ئۇنىڭغا ھەقسىز ئىشلىتىشكە بەردى.

   ھازىر ئارزۇگۈل نەجمىدىن ئۆز ئالدىغا ماركا ئەنگە ئالدۇردى، ئۇنىڭ تىجارىتىمۇ كۈندىن – كۈنگە روناق تېپىپ، 2000 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق كىيىم تىكىش زاۋۇتىنى قۇردى، ئۇنىڭدىن باشقا مەھەللىدىكى 20دىن ئارتۇق ئايالنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

   قىسقىغىنا نەچچە يىلدا، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى خۇنەن ‹‹خۇنەنلىكلەر – تۇرپانلىقلار بىر ئائىلە كىشىلىدەك بولۇش›› بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ‹‹تيەنچېڭ كەسىپ تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش مەكتىپى››نى قۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، مەھەللىدىكى 822 كىشىنى توقۇمىچىلىق، تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك، پىشۇرۇق پىشۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلىدى، خۇنەن – شىنجاڭ كەسىپ  – تېخنىكا رايونى، فېڭخۇاڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى شەھەرچىسى، توقۇلما كىيىم – كېچەك كەسىپ  –  تېخنىكا رايونىغا 334 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

   ئامما بەختتىن تەڭ بەھرىلەنمەكتە

   6– ئاينىڭ 9 – كۈنى سائەت 19 ئەتراپىدا، يالقۇنتاغ مەھەللىسىدىكى ‹‹سائەت ئالتە يېرىم مەكتىپى››دە ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار بالىلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىۋاتاتتى.

   ‹‹سائەت ئالتە يېرىم مەكتىپى››نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەسلەپكى نەچچە ئوقۇغۇچىدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى ئۈچ سىنىپقا كۆپەيدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇرۇقى بالىلارنىڭ قەلبىگە چېچىلدى. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، يالقۇنتاغ مەھەللىسى ئۆز ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئاھالىلەر پائالىيەت ئۆيى، تور مۇلازىمەت پونكىتى ۋە كۇتۇپخانىلارنىڭ  رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى، ھەر مىللەت ئاممىنى مەدەنىي تۇرمۇشتىن تەڭ بەھرىلىنىشكە يېتەكلىدى، مەدەنىيەت كارىدورى، مەدەنىيەت تېمى، تەشۋىقات دوسكىسى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش، كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

   مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى ھەر ئاينىڭ 15 – كۈنىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۆگىنىش كۈنى قىلىپ بېكىتتى. مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى ھەممە ئائىلىنىڭ غېمىنى يەپ، پارتىيە بىلەن خەلقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. مەھەللىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى