تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتى يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىردى

   مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا مۇزاكىرە قىلىپ شىنجاڭنىڭ 2018–يىللىق نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشكە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى تەستىقلىغان، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنىڭ رەسمىي يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىغان شىنجاڭنىڭ 2018–يىللىق نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشكە مەبلەغ سېلىش پىلانىدا، يىللىق كۆچۈرۈش ۋەزىپىسى 30 مىڭ ئادەم بولۇپ، پىلان بويىچە 1 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز خامچوتىدىن 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلىپ كۆچۈرۈلىدىغان نامرات نوپۇسقا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىن ئىبارەت تارىخىي خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ.

   يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا جەزمەن غەلىبە قىلىشقا تېگىشلىك ‹‹ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى››نىڭ بىرى قىلدى ھەم بۇنى ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2018–يىلىدىن 2020–يىلىغىچە)نى تۈزۈپ، ‹‹يەتتە بىر تۈركۈم›› ۋە ‹‹ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش››نى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى. نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ‹‹يەتتە بىر تۈركۈم››نىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا تەبىئىي شارائىتى ناچار رايونلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى.

   دۆلەت 2016–يىلى ۋە 2017–يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا 110 مىڭ نامراتنى كۆچۈرۈپ يۆلەشنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز ئىككى قېتىم ئىنچىكە پەرقلەندۈرۈش، تەكشۈرۈپ دەلىللەپ يەنە 50 مىڭ كىشىنىڭ تاغلىق رايوندا ياكى چۆللىشىپ كەتكەن، مۇھىتى ناچار رايوندا ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى قىيىن نۇقتا ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش–ئېچىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىرتۇتاش تەشكىللىشى بىلەن، ئالاقىدار ۋىلايەت (ئوبلاست)، ناھىيە (شەھەر)لەر بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆچۈرۈش ئوبيېكتىنى كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە ئېنىقلاپ، ھەقىقىي ئىسمى بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى تاللاش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى، كېيىن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ پىلانى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەپسىلىي ۋە ئىنچىكە ئىشلىدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار ۋىلايەت (ئوبلاست)، ناھىيە(شەھەر)لەرگە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۇلاردىن ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىپ، قۇرۇلۇش پىلانلاش، خېرىدار چاقىرىش، قۇرۇلۇش ئەترىتىنى تاللاش خىزمىتىنى تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈر باشقۇرۇشنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى