تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىز يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنىڭ قوللىشى بىلەن يېتەكلەش رولىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىقتىسادىي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو خەلق بانكىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق يەتتە مىنىستىرلىق ۋە كومىتېت بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قومۇل شەھىرى، سانجى ئوبلاستى ۋە قاراماي شەھىرىنىڭ يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى» نى بېسىپ تارقاتقان. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

  يېشىل پۇل مۇئامىلە ئاقىللار ئامبىرىنى كىرگۈزۈپ، ئىستراتېگىيەلىك تۇتاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش. ئاپتونوم رايونىمىز سىناق رايونى بىلەن جۇڭگو پۇل مۇئامىلە ئىلمىي جەمئىيىتى يېشىل پۇل مۇئامىلە كەسپىي كومىتېتى، جۇڭگو مەبلەغ سېلىش جەمئىيىتى يېشىل تەرەققىيات مەركىزى، خەلقئارا يېشىل ئىقتىساد جەمئىيىتى قاتارلىق 5 چوڭ ئاقىللار ئامبىرىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى، مۇددىئانامە ھەمكارلىق تۈرى ۋە ھەمكارلىق پىلانى ھاسىل قىلدى، يېزا ئىگىلىك، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى يېشىللاشتۇرۇش ۋە يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، ئايلانما ئىقتىساد، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق يېڭى تىپتىكى يېشىل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېشىل پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى.

  يېشىل تۈر ئامبىرىنى قۇرۇپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنى دەل جايىدا ئىگىلەش. ئاپتونوم رايونىمىز ئالدى بىلەن مەملىكەتلىك بەش ئۆلكىدىكى سىناق رايونىدا يېشىل تۈر ئامبىرى بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېشىل تۈر قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، يېشىل تۈرلەرنى قوللاش ئۆلچىمىنى بىر تۇتاش قىلىپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى سىناق رايونىدىكى يېشىل كەسىپلەرگە توپلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرىدۇ. نۆۋەتتە، ئۈچ سىناق رايونىدا 365 «ساپ يېشىل» تۈرلەر يېشىل تۈر ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، جەمئىي 575 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى 340 مىليارد يۈەن بولدى.

  يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى پۇل سىياسىتى قورالى ئارقىلىق يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى يېشىل ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يولغا قويۇشتىكى تەپسىلىي قائىدىسىنى بېسىپ تارقىتىپ، پۇل سىياسىتى قورالى، ماكرولۇق ئېھتىياتچان باھالاش رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تەييارلاش ئارقىلىق، يېشىل پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى قوللاشنى كۈچەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭ يېشىل پۇل مۇئامىلە ئوخشاش كەسىپتىكىلەر تەلەپچان بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ «يېشىل كەسىپلەرنى ئاشۇرۇپ تۆۋەنلەتمەسلىك، غەيرىي يېشىل كەسىپلەرنى تۆۋەنلىتىپ ئاشۇرماسلىق» تەك كەسىپداشلار قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە ئىلمىي جەمئىيىتى  يېشىل پۇل مۇئامىلە كەسپىي كومىتېتىنى قۇرۇپ، بىرلىكتە يېشىل پۇل مۇئامىلە تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېشىل مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتتە يېڭىلىق  يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى