تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

دېھقانلار قوش كىرىملىك بولدى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: «بىز ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشلىرىغا كۆپرەك قاتنىشىپ، ياخشى ئىشلەپ، كېلەر يىلى يەنە ئىككى كالا سېتىۋېلىشقا تىرىشايلى.» 5-ئاينىڭ 23-كۈنى سانجى شەھەرلىك ئاشىلى قازاق يېزىسى نۇرجا كەنتىنىڭ ئاھالىسى قادىلجان جۇمان خوتۇنى مايگۈل كوبەكەن بىلەن مەسلىھەتلەشكەچ شۇنداق دېيىشتى. ئۇلار دېيىشۋاتقان ھەمكارلىق كوپىراتىپى سانجى شەھەرلىك «شىنفىڭ» سېغىن كالا باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىدى.

   نۇرجا كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن 2009 ـ يىلى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپنى قۇرۇپ، كالىلارنى پۈتۈن ھەپتىلىك تاپشۇرۇش ياكى ۋاقىتلىق تاپشۇرۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق، كەنتتىكىلەرنىڭ كالىسىنى كوللېكتىپ بېقىپ، پايدىنى دېھقانلارغا قەرەللىك تاپشۇرىدىغان بولدى.

  قادىلجاننىڭ ئىككى سېغىن كالىسى بولۇپ، سۈت ساتقان كىرىم بىلەن ھەر يىللىق يايلاق تولۇقلىمىسى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىردىنبىر ئىقتىسادىي كىرىمى ئىدى، تۇرمۇشىمۇ ھەرھالدا يامان ئەمەس كېتىپ باراتتى. 2016-يىلى، قادىلجاننىڭ ئىككى قىزى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمى ئېغىرلاشتى. ئۇلار ھەمكارلىق كوپىراتىپقا كىرىشنى ئويلاشتى، بىراق كالىسى ئاز ھەم ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ يۈرگۈزۈلۈش ئەھۋالىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، كوپىراتىپقا كىرەلمىدى. قادىلجان ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەنتنىڭ يىراق-يېقىنىدىن قىلغۇدەك ئىش ئىزدەشكە باشلىدى.

  2017-يىلىنىڭ ئاخىرى، سانجى شەھەرلىك ھايۋانات كېسەللىكىنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ نۇرجا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر قادىلجاننىڭ ئۆيىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ، دەرھال سانجى شەھەرلىك «شىنفىڭ» سېغىن كالا باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ئالاقىلاشتى.

  ھەمكارلىق كوپىراتىپى قادىلجاننى ئامانلىق خىزمىتىگە قويدى، ئۇنىڭ خوتۇنى مايگۈلنى بولسا ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ كالا سېغىش خىزمىتىگە قويدى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى ئىككى كالىمۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كالىلىرىنىڭ بېقىلماي قېلىشىدىن، سۈتلەرنىڭ سېتىلماسلىقىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى. ھازىر، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ ئايلىق مائاشى جەمئىي 6000 يۈەنگە يەتتى.

  سانجى شەھەرلىك ھايۋانات كېسەللىكىنى تىزگىنلەش مەركىزى نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا «شىنفىڭ» سېغىن كالا باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كالا، قوي تۆرەلمىسىنى كۆچۈرۈش، ھايۋانات كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە كەسپىي تېخنىكا ياردەم بېرىپ كەلدى. 2017-يىلى، سانجى شەھەرلىك ھايۋانات كېسەللىكىنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى نۇرجا كەنتىگە كەلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىگە تېخنىكا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىپ، قەرەللىك ھالدا سېغىن كالىلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىپ، 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق خىراجەتنى تېجەپ قالدى.

  خىزمەت ئەترىتى باشلىقى لى چىڭپىڭ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر زىيارەت جەريانىدا دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرالماسلىق سەۋەبىنى تېپىپ، ئۇلارنى ھەمكارلىق كوپىراتىپ ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.

  خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر+دېھقان، چارۋىچىلار+ھەمكارلىق كوپىراتىپى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، يەرلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى يۆلەپ، دېھقان، چارۋىچىلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. 2017-يىلدىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر 100دىن ئارتۇق دېھقان، چارۋىچىنى «شىنفىڭ» سېغىن كالا باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

   ـــ بىز تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تەجرىبىلىك دېھقانلارنى ئەۋەتتۇق. ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېھقانلارنىڭ كالىلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا بېقىپ، سۈت مىقدارى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. دېھقانلار يەنە قوش كىرىم يارىتالايدىغان بولدى،-دېدى لى چىڭپىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى