تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

دوختۇر-سېسترالار قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش سەپىرىدە بىر بىمارنى جىددىي قۇتقۇزدى

  تىيانشان تورى مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز جياڭ ياڭ خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر 5-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خالمۇرات ئابدۇسالام 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئالاھىدە بىر تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ: «پويىزدا قۇتقۇزۇۋالغان بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ماڭا تېلېفون ئۇرۇپتۇ، بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملىشىپتۇ، يەنە مېنىڭ بايرىمىمنى تەبرىكلىدى» دېدى.

  6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچىدىن گۇمىغا قاتناۋاتقان T9528-قېتىملىق پويىزدا بىر يولۇچى بىئارام بولۇپ، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولدى. رادىيودىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش سەپىرىگە ئاتلانغان خالمۇرات بىلەن تاشقى كېسەللىكلەر 1-بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى خۇ يۈن دەرھال بىمار مەمەتئېلى ئولتۇرغان ۋاگونغا كەلدى.

  ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن بۇ «قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش» مەخسۇس پويىزىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلدى. خالمۇرات بىمارنى تەكشۈردى ۋە ئەھۋالىنى سورىدى، خۇ يۈن بىمارنىڭ قان بېسىمى ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى. بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن مەمەتئېلى بويۇن ئۇمۇرتقىسى كېسىلى سەۋەبلىك ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى دوختۇرخانىدىن چىققان، ئاندىن 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى پويىزغا ئولتۇرۇپ گۇمىغا قايتىش يولىدا بىئاراملىق ھېس قىلغان، ئۇنىڭدا تەرلەش، ئۇيقۇغا كېتىش، تىترەش، قۇسۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن.

  كۆپ قېتىم ئۆلچىگەندىن كېيىن، خۇ يۈن دوختۇرغا: «بىمارنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرى بەك تۇراقسىز، قان بېسىمى تېز سۈرئەتتە چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ، 70 كە چۈشەي دەپ قالدى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 41 سېلسىيە گىرادۇس، يۈرەك رېتىمى 140 تىن 150 كىچە» دېدى. خۇ يۈننىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ بېشى قاتتى.

  بۇ ۋاقىتتا ئەڭ يېقىن ۋوگزالغا يېتىپ بارىدىغانغا يەنە بىر سائەت بار ئىدى. خالمۇرات بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ۋوگزالدا ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىمارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشتى. ئۇ خۇ يۈننى سوغۇق لۆڭگە بىلەن بىمارنى توختىماي سۈرتۈپ بېرىشكە ھەمدە مۇز خالتىسىنى بىمارنىڭ گەجگە قىسىمىغا قويۇشقا بۇيرىدى ھەمدە خۇ يۈنگە بىمارنىڭ ئېغىز، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى ئاجرالمىلارنى تازىلاپ، بىمارنىڭ نەپەسلىنىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى ئېيتتى. ئۇ بىمارنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرىنى كۆزىتىشكە ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولدى.

  پويىز بىر سائەتتىن كېيىن بۈگۈر ۋوگزالىغا يېتىپ باردى، ساقلاپ تۇرۇۋاتقان قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىمار بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكىلەر خاتىرجەم بولدى.

  بىمارنىڭ ئايالى خالمۇراتقا تېلېفون قىلىپ، تىنچ-ئامان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە: «بۇ يەردىكى دوختۇرلار ۋە سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار بولغاچقا، يولدىشىم ھايات قالدى» دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ، خالمۇراتنىڭ پويىزدا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئىككىنچى قېتىم قاتنىشىشى ئىكەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئالتە داۋالاش خادىمى قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش پويىزىدا ئۈچ قېتىم جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى