تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

سىز بىلمەيدىغان تېرە ئاسراش بىلىملىرى

    تېرە ئاسراش مەھسۇلاتى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان نەرسىلەر ئارقىلىق تېرىنى ئاقارتقىلى، داغ-سەپكۈننى سۇسلاشتۇرغىلى، تەر تۆشۈكچىلەرنى تارايتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن:

    پىۋا ئارقلىق تەر تۆشۈكچىلەرنى تارايتىش
    قاچىغا مۇۋاپىق مىقداردا پىۋا قۇيۇپ، پىرېسلانغان (压缩) چاپلاقنى  پىۋىغا ئۈچ مىنۇت چىلاپ، ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن ئارتۇقچە سۇنى سىقىۋېتىپ يۈزگە چاپلاپ، چاپلاق قۇراي دېگەندە ئېلىۋەتسەك بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى يېرىم سائەت تەكرار قوللىنىپ ئاخىرىدا سوغۇق سۇ بىلەن يۈزنى يۇيغاندا تەر تۆشۈكچىلەر كىچىكلەيدۇ.

    قېتىق ئارقىلىق يۈزنىڭ نەملىكىنى ساقلاش
    قېتىقنى يۈزگە سۈرۈپ، 15 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتكەندە تېرىنى پارقىراق، يۇمران قىلىدۇ، تېرىنىڭ مۈڭگۈز قەۋىتىدىكى سۇنى تۇتۇپ قالىدۇ.

    ئىچىملىك سودا (小苏打) ئارقىلىق قارا باش (黑头) لارنى يوقىتىش
    ئىچىملىك سودا بىلەن يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئارىلاشتۇرۇپ يۈز يۇيغاندا، قارا باشلار ئازلاپ، تەر تۆشۈكچىلەر تارىيىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندا قارا باشلار يوقايدۇ.

    قىزىل گۈل ئارقىلىق ھۆسننى گۈزەللەشتۈرۈش
    قىزىل گۈل غۇنچىسىنى خۇش پۇراق ئاچچىقسۇ (香醋) غا بىر ھەپتە چىلاپ، ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ قۇيۇپ تېرە تازىلاش سۈيى تەييارلىۋالغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى سەھەر ۋە كەچتە قىزىل گۈل سۈيى بىلەن يۈزنى يۇيۇپ بەرسە، دانىخورەكلەر يوقاپ، تېرە يۇمران، پارقىراق بولىدۇ.

    سۇلۇ بىلەن مۈڭگۈز ماددىسى (ئۆلۈك تېرە) نى تازىلاش
    ئالدى بىلەن سۇلۇنى يېڭى سۈتكە يېرىم سائەت چىلىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ ئوماچ ھالەتكە كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن يۈزگە چېپىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇۋېتىمىز. بۇنداق قىلغاندا تېرىنىڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى كونىرىغان مۈڭگۈز قەۋىتى تازىلىنىپ، تېرە ئاقىرىدۇ ۋە يۇمرانلىشىدۇ.

    بۆلجۈرگەن+قېتىق بىلەن دانىخورەكنى يوقىتىش
    بۆلجۈرگەننىڭ ساپىقىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇۋېتىپ، ئىزىپ شىرنىسىنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن قېتىق بىلەن ئۇنغا ئارىلاشتۇرۇپ، يۈزگە چېپىپ 20 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتكەندە تېرىدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇپ تېرىنىڭ ماي ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، دانىخورەكنى ئازايتىدۇ.

    يەسىمەن گۈلى (茉莉花) بىلەن تېرىنى راھەتلەندۈرۈپ، تەر تۆشۈكچىلەرنى تارايتىش
    يەسىمەن گۈلىنىڭ غۇنچىسىنى سوغۇق سۇغا چىلاپ، ئاغزى ھىم ئىتىلىدىغان قۇتىغا قۇيۇپ، ئارقىدىن ئاز مىقداردا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرتنى قۇيىمىز. ھەر كۈنى يۈزنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن يەسىمەن گۈل سۈيىنى يۈزگە پۈركۈپ بەرسەك تېرە راھەتلەتلىنىپ تەر تۆشۈكچىلەر تارىيىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى