سۈرەتتە: تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىرلىكتە ساڭزا سالماقتا.
تىيانشان تورى مۇخبىرىمىز سۈن فاڭفېي، پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز ئالىيە تۇرغۇن خەۋىرى، فوتوسى: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خۇەنۋېي يولى تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىڭفۇتۇن مەھەللە كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرى، سايباغ رايونىدىكى بىرلىكسەپ، مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ شىڭفۇتۇن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» دوستلۇق پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە كۆپچىلىك بىللە ساڭزا سالدى.