تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

لىجى مېۋىسىنى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    ھازىر لىجى بازارغا چىقىدىغان پەسىل. لىجىنىڭ تەمى تاتلىق ھەم يېيىشلىك. گەرچە لىجىنى ئىستېمالچىلار ياقتۇرۇپ يېسىمۇ، ئەمما لىجىغا مۇناسىۋەتلىك «قورقۇنچلۇق ھېكايىلەر» مۇ ئاز ئەمەس. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە قارايدىغان بولساق، ھەر يىلى دېگۈدەك لىجىنى كۆپ يېيىش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلايمىز. تېخى يېقىندىلا گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى يەتتە ياشلىق بىر بالا ئاچ قورساققا لىجىنى كۆپ يەۋېلىپ ھوشىدىن كەتكەن، بۇ بالىغا «لىجى كېسىلى» دەپ دىياگنوز قويۇلغان. بەختىكە يارىشا ۋاقتىدا خەتەردىن قۇتقۇتقۇزۇۋېلىنغان.

  بۇنىڭغا قارىتا، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتىش بەردى: لىجى گەرچە ياخشى مېۋە بولسىمۇ، لېكىن كۆپ يەۋالماسلىق، مىقدارىنى چوقۇم كونترول قىلىش كېرەك، بولمىسا يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  لىجىنى كۆپ يەۋالغاندا قان شېكىرى تۆۋەنلەيدۇ

  «لىجى كېسىلى» قانداق كېسەل؟ ئاۋىياتسىيە باش دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى جاڭ تيەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «لىجى كېسىلى» دېگىنىمىز، ھەر يىلى ئالتە، يەتتىنچى ئايدا لىجى بازارغا چىقىدىغان پەسىلدە نۇرغۇن ئادەملەردە لىجىنى كۆپ يەۋېلىشتىن كۆرۈلىدىغان باش قېيىش، يۈرەك سىقىلىش، چىرايى تاتىرىش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇسساش، ئېچىرقاش، ئېغىرراقلىرىدا پۇت- قوللىرى تارتىشىپ قىلىش، تومۇر سوقۇشى سۇس ھەم تېز بولۇش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، يۈرەك رېتىمى تەرتىپسىزلىشىش، ھەتتا شوك بولۇش ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئاممىباب قىلىپ ئېيتساق، «لىجى كېسىلى» ئەمەلىيەتتە قان شېكىرى تۆۋەنلەشنى كۆرسىتىدۇ. بەلكىم بەزىلەر: لىجى شۇنداق تاتلىق تۇرسا، ئۇنى يېسە قانداق قىلىپ قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، دەپ سورىشى مۇمكىن. بۇ خاتا ئەمەس، لېكىن لىجى تەركىبىدىكى بۇ «شېكەر» بىز ئادەتتە دەپ كېلىۋاتقان شېكەر ئەمەس. جاڭ تيەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: قان شېكىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى گىلۇكوزا، ئەمما لىجى قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى شېكەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى مېۋە قەنتى، مېۋە قەنتى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئارقىلىقلا ئاندىن گىلۇكوزىغا ئايلىنىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزگىرىش جەريانىدا ئادەم بەدىنىنى غىدىقلاپ كۆپ مىقداردا ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئىنسۇلىن بىرلا ۋاقىتتا قاندىكى گىلۇكوزىغا تەسىر كۆرسىتىپ، گىلۇكوزىنىڭ خورىشىنى تېزلەشتۈرۈش ئارقىلىق قان شېكىرى مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئاخىرقى نەتىجە بولسا، قاندىكى گىلۇكوزىنىڭ تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماي، چوڭ مېڭە ۋە نېرۋا سىسىتېمىسىنىڭ نورمال خىزمىتى تەسىرگە ئۇچراپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «لىجى كېسىلى» ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  لىجىنى كۈندە 10 دانە يەڭ، لېكىن ئاچ قورساق يېسىڭىز بولمايدۇ

  يۇقىرىدا لىجى توغرىسىدا توختالدۇق، بۇ ھەرگىزمۇ سىزنى لىجىدىن يىراق تۇرۇڭ دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنداقتا «لىجى كېسىلى» نىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ ئۆز لايىقىدا يېيىش.

  بىرىنچىدىن، تولۇق پىشقان لىجىنى تاللاپ يېيىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، مىقدارىنى كونترول قىلىپ، بىر قېتىمدا كۆپ يەۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش قوللانمىسىدا كۈندىلىك مېۋە قوبۇل قىلىش مىقدارى 200 گىرامدىن 350 گىرامغىچە بولسا بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن، شۇڭا قورامىغا يەتكەنلەر ھەر قېتىمدا 300 گىرامدىن ئارتۇق لىجى يېمەسلىكى كېرەك، 10 دانە ئەتراپىدا يېسە بولىدۇ، بالىلار مۇشۇ ساننىڭ يېرىمىنى ئاساس قىلسا بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە، ئاچ قورساق ۋە ئۇزۇن ۋاقىت قورساق ئاچ ھالەتتە لىجى يېيىشكە بولمايدۇ. بەزىلەر: لىجىنىڭ قەنت ماددىسى يۇقىرى، نەچچە دانە يەۋالغاندىن كېيىن تاماق يېمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ چوڭ خاتالاشقانلىقتۇر. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولسا، تاماق يەپ بولۇپ يېرىم سائەتتىن كېيىن يېيىش، ياكى لىجى يېيىشتىن ئىلگىرى كاربون سۇ بىرىكمىسى مول يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: بولكا، پىرەنىك قاتارلىقلارنى يېيىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، لىجى يېگەندە تۇز سۈيىنى كۆپرەك ئىچىش، سوغۇق چاي ياكى ماش قايناتمىسى ئىچىش كېرەك. ياكى بولمىسا يېڭى لىجىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ مۇزلىتىپ يېگەندە ئىسسىق يەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  لىجىنىڭ تەمى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما ھەممە ئادەمگە ماس كەلمەيدۇ

  جۇڭيى تېبابىتىدە «بىر دانە لىجى ئادەمنىڭ ئىسسىقىنى ئۈچ ھەسسە ئۆرلىتىۋېتىدۇ» دەيدىغان قاراش بار. ئاۋىياتسىيە باش دوختۇرخانىسى جۇڭيى تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ خۇي مۇنداق دېدى: جۇڭيى تېبابىتى نەزەرىيەسى بويىچە ئېيتقاندا، لىجىنىڭ تەبىئىيىتى مۆتىدىل ئىسسىق، كۆپ يەۋالغاندا ئىسسىقنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە ئېغىز ئىچىگە يارا چىقىش، ئېغىز پۇراش، ئېغىز قۇرۇش، ھەتتا بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ماتېرىيال سۈرەت

  سوزۇلما خاراكتېرلىك ئانگېنا ۋە يۇتقۇنچاق ياللۇغى بارلار لىجىنى كۆپ يەۋالسا ئۇلاردىكى «ئىسسىق يەل» ئېغىرلاپ كېتىدۇ. ئەگەر دانىخورەك، يارا چىقىش، شامال تېگىپ زۇكامداش ياكى جىددىي خاراكتېرلىك ياللۇغ كۆرۈلگەندە لىجىنى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ، بولمىسا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھۆل ئىسسىقچان ئادەملەر ياكى ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى ئەمەسلەر لىجىنى كۆپ يېسە بولمايدۇ.

  لىجى، ماڭگو، لوڭيەن قاتارلىق مېۋىلەرنى ئىچى ئىسسىق بالىلار يېمەسلىكى كېرەك، نورمال بالىلارمۇ ئامال بار ئاز يېيىشى كېرەك. جىگەر كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلى بار ياشانغانلارمۇ يېيىشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

  بۇنىڭدىن سىرت، ھامىلىدارلارمۇ لىجىنى كۆپ يېسە بولمايدۇ. لىجىنىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرى، كۆپ يەۋالغاندا ئاسانلا قان شېكىرىنىڭ قۇيۇقلۇقىنى ئاشۇرۇپ، قەنت مېتابولىزمىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لىجىنى كۆپ يەۋالغاندا قان شېكىرىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئارتىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالا يوغىناپ كېتىش، تۇغۇت قىيىن بولۇش، تۇغۇت ئۇزۇنغا سوزۇلۇش، ئۆلۈك تۇغۇش، تۇغۇتتىن كېيىن قان كۆپ چىقىش ھەم ياللۇغلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ھامىلىدارلار ھەر قېتىمدا 100 گىرامدىن 200 گىرامغىچە لىجى يېسە مۇۋاپىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى