تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

جېجياڭ ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى

چېن چۈەنگو، يۈەن جياجۈن، شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

   مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى يۈەن جياجۈن باشچىلىقىدىكى جېجياڭ ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، 6 – ئاينىڭ 19 – كۈنىدىن 20 – كۈنىگىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە شەرق بىلەن غەربنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

   6 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، جېجياڭ ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۈەننىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن جېجياڭ ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹سەككىز جەھەتتىكى ئەۋزەللىكنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش، سەككىز جەھەتتىكى تەدبىرنى ئىلگىرى سۈرۈش››تىن ئىبارەت ‹‹قوش سەككىز›› ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى بىر يۈرۈش ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئېتىپ، ئۆلكە ئىقتىسادىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا ياراتقان ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇلىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرىمىز.
            
   چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشتىن – ئاخىر بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تەدبىرى كۈچلۈك، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 1 – شىسىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسى ۋە تەرىپلىشىگە مۇيەسسەر بولدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىپ، جېجياڭ خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرىمىز.

   يۈەن جياجۈن مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دىنلارنىڭ ئېجىل – ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر يۈرۈش ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، مىللەتلەر ئىناق – ئىتتىپاق بولغان، خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. قېرىنداش ئۆلكە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇنىڭدىن چىن قەلبىمىزدىن خۇشال بولدۇق.

   يۈەن جياجۈن مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، ئىككى جاينىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم پۇرسەت. جېجياڭ ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 1 – شىسىنى پۈتۈن زېھنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، نىشانلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەيدۇ، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ياردەم بېرىشنى مۇھىم ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ئەقلىي جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەيدۇ. بىز شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، كەسىپ، ئۇل ئەسلىھە، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ساياھەت، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، تەڭ پايدا ئېلىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىمىز.

   سۆھبەت يىغىنىدا، شۆھرەت زاكىر ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىڭتۈەننىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى كۇڭ شىڭلۇڭ ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

   شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، جېجياڭ ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، دېھقان – چارۋىچىلارنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى، جېجياڭلىق سودىگەرلەر ۋەكىللىرىنى يوقلىدى.

   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، دوۋ ۋەنگۈي، ياڭ يۇڭ، لى جىدۇڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.