تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دۈەنۋۇ بايرىمى دەم ئېلىش مەزگىلىدە بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى ساياھەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ‏كۈتۈۋالدى

ماتېرىيال سۈرەت: بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى شۇلىڭ، نەيرىلىتۇ خەۋىرى. خېجىڭ ناھىيەسىدىكى بايىنبۇلاق يايلىقىنىڭ مەنزىرىسى نۆۋەتتە بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل مەزگىلگە كىردى، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى دۈەنۋۇ بايرىمى دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن كۈنىگە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن 4000دىن ئارتۇق ساياھەتچى بۇ دۇنيا تەبىئىي مىراس يېرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھېس قىلدى.

  6-ئايدا بايىنبۇلاق يايلىقىدا يېقىشلىق مەيىن شاماللار چىقىپ، ئەتراپ خۇش ھىدقا تولۇپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. دۈەنۋۇ بايرىمى دەم ئېلىش مەزگىلىدە بايىنبۇلاق يايلىقىدا ساياھەتچىلەردىن ئۆزلىرى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان، ئائىلە ساياھىتى قىلىدىغان، ئىستىراھەت ساياھىتى قىلىدىغانلار كۆپ بولدى.

  شېنجېن شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى جېڭ سىمېڭ: «قارلىق تاغ، كەڭ كەتكەن يايلاق، ياۋا گۈللەر ۋە يايلاقتا ئوتلاپ يۈرگەن پادىلارنى كۆرۈپ، كەيپىياتىمىز كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئوينىدۇق» دېدى.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ ئەپەندىنىڭ تۇنجى قېتىم بايىنبۇلاق يايلىقىغا كېلىشى، بۇ يەردە ئۇ يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھېس قىلدى، يەنە گۈزەل ئاققۇ كۆلى، ئەگرى-بۈگرى ئېقىنلارنى سەيلە قىلدى، بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى ئۇ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى. ئۇ: «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم كېلىشىم، تولىمۇ ياخشى ھېس قىلدىم، بۇ يەردىكى گۈزەل مەنزىرىلەر كىشىگە ئۇنتۇلغۇسىز ئازادىلىك بېغىشلايدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاقتىم چىقسىلا كېلىپ تۇرىمەن. شىنجاڭ ياخشى جاي، گۈزەل شىنجاڭنى سۆيىمەن» دېدى.

  روزا ھېيت، دۈەنۋۇ بايرىمى دەم ئېلىش مەزگىلىدە بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش خىزمەتلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى ھەم كىرىش بېلىتىنى %80 لىك ئېتىبار باھادا سېتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بايىنبۇلاق يايلىقىدا كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ يۈمېي مۇنداق دېدى: «دۈەنۋۇ بايرىمى دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەنزىرە رايونىمىزغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئېشىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25-%30 ئەتراپىدا كۆپەيدى، ھازىر كۈنىگە 4000 ساياھەتچىنى كۈتۈۋاتىمىز، شۇڭا بىز ئالدى بىلەن ساياھەتچىلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك، شۇندىلا تەشۋىقاتنى ياخشى قىلغان، ياخشى نامغا ئېرىشكەن بولىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساياھەت كوپېراتىپلىرى بىلەن بولغان ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتىكى ساياھەت بايلىقىنى ساياھەتچىلىكتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى